تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قاراقاش ناھىيەسىدىكى 151 كەنت ئاھالىسى ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ يېڭى يولىدا ماڭدى

  تەڭرىتاغ تورى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تيەن تىڭ خەۋىرى. قاراش ناھىيەسىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن 151 نامرات ئەمگەكچى يېقىندا خۇشال ھالدا قاراقاش ناھىيەلىك يولۇچى توشۇش بېكىتىگە يىغىلدى، ئۇلار ئارال شەھىرى «خۇاڭرۇي» ئېلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلىرى ياساش چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ ئىشلەيدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، قاراقاش ناھىيەسىدىكى ئىشلەمچىلەرنىڭ ئۆيىدىن بىخەتەر ئايرىلىپ، خىزمەت ئورنىغا ئوڭۇشلۇق بېرىشى، پۇختا ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى قاراقاش ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار تارماقلار سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان كەنت ئاھالىلىرىنى ئەمگەك ماھارىتى، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى، قانۇن-بەلگىلىمە، مىننەتدارلىق تەربىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيەلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قانۇن ئېڭى ۋە ھوقۇن-مەنپەئىتىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتكەن، پىكىر ئالماشتۇرۇش سەۋىيەسى ۋە ئەمگەك ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن، ئۇلارغا ھازىرنى قەدىرلەش، تىرىشىپ كۈرەش قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بەرگەن.

  بۇنىڭدىن سىرت، قاراقاش ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلارنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشى ئۈچۈن مەخسۇس توشۇش ئاپتوموبىلى ئورۇنلاشتۇردى، يەنە باشقۇرۇش سەۋىيەسى يۇقىرى، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك كادىرلارنى ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا مەخسۇس تاللاپ، ئۇلارنى خىزمەت جەريانىدىكى ئاساسىي مۇلازىمەت خىزمىتىگە ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن ماسلىشىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە مەسئۇل قىلىپ، قاراقاش ناھىيەسىدىكى يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەمگەكچىلەرنىڭ «سىرتقا چىقىشى، پۇت تىرەپ تۇرۇشى، پۇل تېپىشى» نى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراقاش ناھىيەسى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ھۆكۈمەت تەشكىللەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىدى، ناھىيە رەھبەرلىرى باشلامچى بولۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى كادىرلارنى باشلاپ ئىچكى ئۆلكىلەرگە بېرىپ، شۇ جايدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە شۇ جايلىق ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قاراتمىلىق، تەشكىللىك، پىلانلىق ئىلگىرى سۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى