تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى،خەن جېڭ ئايرىم–ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان بىرقىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

  ‹‹8–مارت›› خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئايال ۋەكىللەر – ئەزالار ۋە مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت، ھەرساھە ئايال قېرىنداشلارنى بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي بەخت تىلىدى

‹‹8–مارت›› خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئايال ۋەكىللەر – ئەزالار ۋە مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت، ھەرساھە ئايال قېرىنداشلارنى بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي بەخت تىلىدى. سۈرەتتە، شى جىنپىڭ ئايال ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 8 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خەن جېڭ 3 – ئاينىڭ 8 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئايرىم – ئايرىم ھالدا 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

   ‹‹8 – مارت›› خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئايال ۋەكىللەر – ئەزالار ۋە مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئايال قېرىنداشلارنى بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي بەخت تىلىدى.

  شى جىنپىڭ شەندۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. يىغىندا ليۇ جيايى، گۇڭ جېڭ، تەن شۈگۇاڭ، چيۇ يافۇ، جو چاڭلى، ۋاڭ يىنشياڭ، فۇ مىڭشيەن، جاڭ شۇچىندىن ئىبارەت سەككىز ۋەكىل كونا – يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىش، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە زامانغا لايىق سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بار ‹‹ئىككى خىل خادىم››لارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى. گۇڭ جېڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇۋەپپەقىيەت ئۆزىمىزگىلا مەنسۇپ بولۇش شەرت ئەمەس، دېگەن ئىدىيە ئۈستىدە توختالغاندا، شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مۇۋەپپەقىيەت ئۆزىمىزگىلا مەنسۇپ بولۇش شەرت ئەمەس، دېگەن ئىدىيە پاسسىپلىق، بوشاڭلىق، يارامسىز بولۇشنى كۆرسەتمەستىن، بەلكى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەم خەلق ئۈچۈن كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرىدىغان ئەمەلىي ئىش قىلىشنى، ھەم كېيىنكىلەر ئۈچۈن يول ئاچىدىغان، ئاساس سالىدىغان، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەيدىغان ياخشى ئىش قىلىشنى، ھەم كۆزگە كۆرۈنىدىغان تۆھپە قوشۇش، ھەم يوشۇرۇن تۆھپە قوشۇشنى، شەخسىي نام – ئاتاق بىلەن ھېسابلاشماسلىقنى، خەلقنىڭ ياخشى تەرىپىگە ئېرىشىشنى، تارىختا ياخشى نام قالدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. جاڭ شۇچىننىڭ قىزىل گېننى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى سۆزىگە قارىتا، شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قىزىل گېن ۋارىسلىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە نۇرغۇن مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى ياراتتى. ئەۋلادلارنىڭ ئېسىدە قالدۇرۇش ئۈچۈن، بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقىمىز، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىمىز ۋە يولىمىزدىن مەڭگۈ ئېزىپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك. شى جىنپىڭ ئاخىرقى مۇھىم سۆزىدە شەندۇڭنىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، شەندۇڭدىكى يولداشلاردىن كۈچنى كۈچكە ئۇلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى مۇساپىسىدە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، يېڭى دەۋردە زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك ئۆلكە قۇرۇش يېڭى ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك يارىتىشنى ئۈمىد قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ـــ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرما، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىكى زور تارىخىي ۋەزىپە، يېڭى دەۋردىكى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تۇتقىسى. يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك بولۇش – بولماسلىقى، يېزىلارنىڭ گۈزەل بولۇش – بولماسلىقى، دېھقانلارنىڭ باي بولۇش – بولماسلىقى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ دەرىجىسىنى ھەم سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر تونۇش، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا، ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش زور تەدبىر بولۇپ، ئۇنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئىلمىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا – كەنتلەردە كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، يېزىلاردا 1 –، 2 –، 3 – كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، يېزا – كەنت كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئاساسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزىلاردا نامراتلىقنى كۈچەپ تۈگىتىپ، يېزا – كەنت تۇرمۇشىنىڭ باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. زامانىۋى كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش يۆنىلىشىدىن سۈپەتنى ئاشۇرۇش يۆنىلىشىگە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، رىقابەت كۈچى، تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى، ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا – كەنتلەرنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئىختىساسلىقلارغا تايىنىشنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېزا – كەنتلەردە قېلىشنى خالايدىغان، يۇرت – ماكانىنى گۈللەندۈرۈشنى خالايدىغانلارنىڭ خاتىرجەم قېلىشىغا، تاغلىق رايونلارغا ۋە يېزىلارغا بېرىشنى خالايدىغان، يېزا – كەنتلەرگە جاۋاب قايتۇرۇشنى خالايدىغانلارنىڭ تېخىمۇ ئىشەنچكە تولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېزىلاردىكى كەڭ زېمىندا قابىلىيىتىنى، تالانتىنى، كارامىتىنى نامايان قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇپ، يېزا – كەنتلەردە ئىختىساسلىقلار، يەر، مەبلەغ، كەسىپ كۆجۈملەشكەن ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يېزا – كەنتلەر مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلاردا ئىدىيە، ئەخلاق قۇرۇلۇشى ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئېسىل، ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدىيەۋى كۆزقاراش، ئادىمىيەت روھى، ئەخلاق ئۆلچىمىنى چوڭقۇر قېزىپ، يەرلىك مەدەنىيەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە قېزىپ، ئاساسىي مېلودىيە ۋە ئىجتىمائىي توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىي يېزا كەيپىياتى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ئاددىي – ساددا خەلق ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ روھىي قىياپىتىنى ياخشىلاپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ مەدەنىي يېڭى كەيپىياتىنى يارىتىش كېرەك. يېزا – كەنتلەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، يېزىلاردىكى گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ئۈچ يىل تۈزەش ھەرىكىتى پىلانىنى پۇختا يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ ‹‹ھاجەتخانا ئىنقىلابى››نى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ تۇرمۇش ئەسلىھەسىنى ياخشىلاپ، دېھقانلار خاتىرجەم ياشايدىغان گۈزەل يۇرت – ماكان بەرپا قىلىپ، ياخشى ئېكولوگىيەنى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تايىنىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. يېزا – كەنت تەشكىلاتلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان كۈچلۈك يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇپ، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان مۇنەۋۋەر يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرىنى تەربىيەلەپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېھقانلار ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالىتى بولغان زامانىۋى يېزا – كەنت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولۇشى، تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىرىك پىلاننى ئاۋۋال يولغا قويۇپ، سىياسەتنى دەل جايىدا يۈرگۈزۈپ، تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، جايلارنىڭ پەرقى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، رايون خاسلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، يۇرت ئۆرپ – ئادىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بولۇپمۇ ئەنئەنىۋى كەنت، مىللىي كەنت، ئەنئەنىۋى ئىمارەتلەرنى ياخشى قوغداپ، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەي، بىر قېلىپقا سېلىۋالماي، ‹‹ئوبراز قۇرۇلۇشى››نى توسۇش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاپ، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش، دېھقانلارنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دېڭىز – ئوكيان يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ئورۇن. دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دېڭىز – ئوكيان پورتلىرىنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىپ، زامانىۋى دېڭىز – ئوكيان كەسىپ سىستېمىسى، يېشىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان دېڭىز – ئوكيان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاپ، دېڭىز – ئوكيان ئىشلىرىدا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشقا تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ لياۋنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. چېن چيۇفا، تاڭ يىجۈن، جاڭ گۈيپىڭ قاتارلىق ۋەكىللەر ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئاكتىپ سۆز قىلدى، لى كېچياڭ كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىرلەشكەندىن كېيىن، لياۋنىڭنىڭ تىرىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدا ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىش ھالىتىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، لياۋنىڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ، سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئامما ئۈچۈن ئىش قىلىشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانا ۋە ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ، قالدۇرۇپ قېلىپ، ئۇلارنى يىلتىز تارتىپ تەرەققىي قىلىدىغان قىلىش كېرەك. لياۋنىڭنىڭ دېڭىز بويى ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى تېزلىتىپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش، ئېچىۋېتىشنىڭ چوڭ سەھنىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. شېنياڭ – فۇشۇن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئارقىلىق، ئەتراپتىكى رايونلارغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنى يېتەكلەش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىش، كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئەلرايى قۇرۇلۇشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق سومما بىلەن ئىزچىل تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. لياۋنىڭ ئۆلكىسى شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك ۋە تايانچلىق رولىنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

      ۋاڭ خۇنىڭ ئەنخۇي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. لى جىنبىن، لى گويىڭ، لىڭ يۈن قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەنخۇينىڭ تەرەققىياتى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتقا باشلامچىلىق قىلىشنىڭ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىپ، زور خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تۈزەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە مېڭىش كېرەك. ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل›› بولۇشنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

   جاۋ لېجى سەنشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. لو خۇينىڭ، لوۋ ياڭشېڭ، گو فېڭليەن قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، جاۋ لېجى مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەجرىبىسىدە ئاڭلىق چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، پارتىيەنى باشقۇرۇش – ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ قاتتىق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى ئۈچ چوڭ جەڭدە غەلىبە قىلىش، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. ئىستىلنى قەتئىي ياخشىلاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، بوشاشماي، توختاپ قالماي، ‹‹يولۋاس››قا ھۆركىرىگەن ھامان زەربە بېرىپ، ‹‹چىۋىن››نى گىژىلدىغان ھامان يوقىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئومۇمەن ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك مەسىلىلەرگە جىددىي، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ئومۇمەن ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپ قىلمىشلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش جەريانىدا ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

   خەن جېڭ فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. يۈ ۋېيگو، تاڭ دېڭجيې، جاڭ ليەنشېڭ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خەن جېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: فۇجيەن ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. باش شۇجىنىڭ فۇجيەن خىزمىتىگە بولغان مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە – مېخانىزمنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات، ھالقىما تەرەققىياتنى ھەقىقىي تېزلىتىش؛ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش؛ گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بەرپا قىلىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى ساقلاپ قېلىش، ياخشى قوغداش؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ھەقىقىي، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ‹‹مېخانىزمى جانلىق، كەسىپلىرى ئەۋزەل، پۇقرالىرى باي، ئېكولوگىيەسى گۈزەل›› يېڭى فۇجيەننى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

  ليۇ خې، ياڭ جيېچى، يوۋ چۈەن ئايرىم – ئايرىم ھالدا قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • گېرمانىيە كوماندىسى شىۋېتسىيە كوماندىسىنى يەڭدى
  • باركۆل ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان جايغا ئايلاندى
  • ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئېكسپېدىتسىيە ساياھەت مەنزىلگاھى بولۇپ باھالاندى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى