تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1–يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلەر 1–يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

  13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1–يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 2–يىغىن ئۆتكۈزدى

  لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 8 – كۈنى تېلېگراممىسى. 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق  قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلەر 1 – يىغىنى 3 – ئاينىڭ 8 – كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا يىغىن كاتىبات باشقارمىسى قانۇن لايىھەسى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شېن چۈنياۋ يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن بەرگەن ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى يىغىن ھەيئەت رىياسىتى 2 – يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش ماقۇللاندى.

   يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن چېن شى، ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 8 – كۈنى تېلېگراممىسى. 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 3 – ئاينىڭ 8 – كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 2 – يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

   ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئادەم 190، قاتناشقان ئادەم 190، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

   ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمىكى 3 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى. ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى ۋاكالىتەن تەييارلىدى.

  ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىدا، يىغىن كاتىبات باشقارمىسى قانۇن لايىھەسى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شېن چۈنياۋ يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن بەرگەن ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

   ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن چېن شى، ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.