شىنخۇا تورى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 9-كۈنى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسى يېرىم چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۆت مەيدان مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى، خانلىق مادرىد كوماندىسى، لىۋېرپول كوماندىسى، يۇۋېنتۇس كوماندىسى، مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى سەككىز كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىردى. ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇ ھەپتىلىك مۇنەۋۋەر سەپ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.
مۇنەۋۋەر سەپ تىزىملىكىدىكى پۇتبولچىلار تۆۋەندىكىچە:
ۋاراتار: كاسىللاس (بورتو كوماندىسىدىن)؛
ئارقا بېك: مورېنو (لىۋېرپول كوماندىسىدىن)، فېلىپې (بورتو كوماندىسىدىن)، لوۋرېن (لىۋېرپول كوماندىسىدىن)، كاكىتانى يويىچىرو (باسېل كوماندىسىدىن)؛
ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى: سون خيۇڭمىن (تۇتتىنھام كوماندىسىدىن)، كاسېمىرو (خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن)، ئېليونۇسسىي (باسېل كوماندىسىدىن)؛
ھۇجۇمچى: كىرىستىيانو رونالدو (خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن)، خىگۇائىن (يۇۋېنتۇس كوماندىسىدىن)، دىيبالا (يۇۋېنتۇس كوماندىسىدىن).