تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مالىيە مىنىستىرلىقى: ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئىستېمال سەۋىيەسىدىكى ئۆزگىرىشكە ئاساسەن شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىش باشلىنىش چېكىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى. «شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىش باشلىنىش نۇقتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش» ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا كىرگۈزۈلۈپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. 3-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شى ياۋبىن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باج ئېلىش باشلىنىش نۇقتىسىنى قايسى دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈشتە، ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئىستېمال سەۋىيەسىدىكى ئۆزگىرىشكە ئاساسەن سىياسىي خاراكتېرلىك تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
    شى ياۋبىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتىدا ئىككى چوڭ مەزمۇنغا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ، شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىش باشلىنىش نۇقتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن باشقا، يەنە بىر مەزمۇن ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بولۇپ، مەخسۇس تۈرگە تۇتۇپ قېلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش دوكلاتقا كىرگۈزۈلدى، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن نۇقتىلىق ھالدا پەرزەنتلەر تەربىيەسى، ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش قاتارلىق پۇقرالار ئەڭ ئېھتىياجلىق، ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تەرەپلەر مۇھىم نۇقتا قىلىندى. «ئەلۋەتتە، بىز ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، ئەڭ ئاخىرىدا مەخسۇس تۈرگە تۇتۇپ قېلىنىدىغان تۈرلەرنىڭ دائىرىسى ۋە سانىنى كونكرېت بېكىتىمىز.»
    شى ياۋبىن مۇنداق دېدى: «بۇ  قېتىمقى شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتى شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىش شەكلىنى ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ئىسلاھ قىلىش باج يىغىش ئادىللىقىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن بولۇپ، كىرىمنىڭ تەقسىم قىلىنىشىنى تەڭشەش رولىغا ئىگە.»
    شى ياۋبىن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە باج ئېلىش ئىسلاھات لايىھەسىنى قوزغىتىش تېزلىتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە شەخسلەر تاپاۋەت بېجىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش باشلىنىدۇ، بارلىق ئىسلاھات ئامىللىرى باج قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن بېكىتىلىدۇ. بۇ ئىسلاھاتلار ئارقىلىق شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنى تاپشۇرغۇچىنىڭ باج يۈكىنىڭ تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىغا، شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنىڭ كىرىم تەقسىماتىنى تېخىمۇ ياخشى تەڭشەشنى نامايان قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، بۇ ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىجابىي ئېففىكىت.» 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى