تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش لايىھەسى يولغا قويۇلدى

  مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى، ئۈرۈمچى، 3-ئاينىڭ 6-كۈنى خەۋىرى: ھاۋانىڭ بارغانسېرى ئىللىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەر قايسى رايون، ناھىيەلىرى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ئىشلەپ، خەتەرلىك ئەھۋالنى تۈگەتتى.
  شۇيشىگو بازىرى شۇيشىگو كەنتىنىڭ مىڭ مولۇق ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنىڭ يېنىدا شۇيشىگو بازارلىق سۇ ئېلېكتر پونكىتىنىڭ باشلىقى لى ۋېيدۇڭ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېرىق-ئۆستەڭلەرگە يىغىلىپ قالغان قار ۋە ئەخلەتلەرنى تازىلىدى. لى ۋېيدۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېرىق-ئۆستەڭنى تازىلاش خىزمىتى تاماملاندى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىمۇ تەقلىنىپ بولدى. لى ۋېيدۇڭ مۇنداق دېدى:«2-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش خەتەرلىك بۆلەكلىرى مۇستەھكەملەندى، ھەر قايسى كەنتلەردە كىچىك تارماق ئەترەتلەر قۇرۇلدى، ھازىر بەزى ئېرىق-ئۆستەڭلەردىكى مۇزلارنى تازىلىۋېتىشىمىز زۆرۈر، تازىلىمىغاندا ئېرىگەن قار سۈيىدىن شەكىللەنگەن كەلكۈن ئۆيلەرنى بېسىپ كېتىدۇ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرى، ماشىنىلار تەقلىنىپ بولدى.»
  شۇنىڭ بىلەن بىللە بەنفاڭگۇ بازىرىمۇ يېرىم ئاي ئىلگىرى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلەرنى جايىدا ئىشلىدى. جۇڭلياڭ كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تيەن جەنگو مۇنداق دېدى:«كەنتىمىزدە 60 ئادەمنى ئورۇنلاشتۇردۇق، ھەر ۋاقت چىقىپ كەلكۈندىن مۇداپىئە قىلىدۇ، يەنە بىر قېزىش ماشىنىسى، كۈرەكلىك ئېلېۋاتور تەييارلىدۇق، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئېرىقلىرىنى تازىلاپ، تومىنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ قويدۇق، كەلكۈن كەلسىمۇ خەتىرى يوق.»
   ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى ناھىيەسى ئەتىيازدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىپ ئېرىگەن قار سۈيىدىن شەكىللەنگەن كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، پۈتۈن ناھىيەدىكى 41 كەنتتە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئەترىتى قۇرغان ھەمدە 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىش، ھەر كۈنى مەلۇم قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللارغا ھەر ۋاقىت تاقابىل تۇرغان. ئۈرۈمچى ناھىيەلىك سۇ ئېلېكتىر ئورمانچىلىق ئىدارىسى داشىگۇ سۇ پونكىتىنىڭ باشلىقى خۇ جىچياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر 50 مىڭدىن ئارتۇق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خالتىسى ۋە 500 دىن ئارتۇق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش تورىنىڭ ھەممىسى تەييار قىلىندى. ئېرىق-ئۆستەڭ، دەريا يولىدىن 30 نەچچە كىلومېتىرنى، كۆۋرۈك سۈڭگۈچىدىن 29 نى راۋانلاشتۇردۇق، ناھىيەمىزنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى جىددىي تەييارلىق ھالەتكە كىرىپ بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن ھاۋارايى ئۆزگىرىشىگە، قار-مۇزلارنىڭ ئېرىش ئەھۋالىغا داۋاملىق دىققەت قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.»
  ئىگىلىنىشىچە، بۇلاقتاغ رايونىدىمۇ خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىن 14 ى قۇرۇلۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بەلبېغىدىن 40 مىڭ تال تارقىتىلىپ، سىنتاش كەنتى، گېجياگو كەنتى، لوباگۇ كەنتى قاتارلىق كەلكۈن بۆلەكلىرىدە ئەتىيازلىق كەلكۈن يۈز بېرىشىنىڭ پائال ئالدى ئېلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • گېرمانىيە كوماندىسى شىۋېتسىيە كوماندىسىنى يەڭدى
  • باركۆل ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان جايغا ئايلاندى
  • ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئېكسپېدىتسىيە ساياھەت مەنزىلگاھى بولۇپ باھالاندى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى