تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بايىنغولىن باغراش ناھىيەسى: باغراش ناھىيەلىك 26 ستۇدېنت 270 مىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى

    جۇڭگو ئاخبارات تورى شىنجاڭ ئاخباراتى، 3-ئاينىڭ 5-كۈنى تېلېگراممىسى. شىنجاڭ بايىنغولىن باغراش ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت، خېبېي ئۆلكىلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شىتابى باغراش ناھىيەلىك مائارىپ ۋە پەن-تېخنىكا ئىدارىسى بىرلىشىپ خېبىې ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بىرىش ئوقۇش ياردەم پۇلىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، باغراش ناھىيەسىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا تارقىتىلغان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار 26 ستۇدېنتقا، 270 مىڭ يۈەن خېبىې ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئوقۇش ياردەم پۇلىنى تارقاتتى.
    ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتىسى ئەمەت رېھىم ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بالام 12 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىزگە قىلغان غەمخورلىقىغا رەھمەت، ھۆكۈمەت ۋە خېبېي ئۆلكىسىدىكى خەلقنىڭ بىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە ۋە مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزگەنلىكىگە رەھمەت. بۇنىڭدىن كېيىن مەن بالامنى ياخشى تەربىيەلەپ، غايىلىك، مىننەتتارلىقنى بىلىدىغان، ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان، پارتىيەگە، دۆلەتكە ھەم يۇرتىمىزغا ياراملىق لاياقەتلىك ئادەم قىلىپ يىىشتۈرۈپ چىقىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ 12 مىڭ يۈەن، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلى ۋە يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا ئائىلىمىزنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئىقتىسادىي بېسىمىمىزنى يىنىكلەتتى، بالىمىزنىڭ ئوقۇش پۇلى ھەل بولدى، بىزمۇ خاتىرجەم ھالدا ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرالايدىغان بولدۇق. خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سىياسىتى، مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى بىلەن باغراش ناھىيەسىنىڭ «1-نومۇرلۇق ھۆججىتى» نىڭ ياردىمىدە، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى 2018-يىللىق بالىمىزنى ياخشى تەربىيەلەپ نامراتلىق قالپىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ھاللىق كۈن كەچۈرۈشكە بەل باغلىدۇق.»
    ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى خېبىېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئوقۇش يادەم پۇلىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا، 26 ستۇدېنتقا ئايرىم-ئايرىم ھالدا، 6000 يۈەن، 12 مىڭ يۈەندىن بولۇپ جەمئىي 270 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىلغان. ناھىيەلىك پەن-تېخنىكا مائارىپ ئىدارىسى، مالىيە ئىدارىسى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىشخانىسى، نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى قاتارلىق تارماقلار تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان.
    باغراش ناھىيەسى ناھىيەلىك پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ چىنخۇاڭداۋ شەھەرلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى سۈن ۋېيچىڭ مۇنداق دېدى: ياردەمگە ئىرىشكەن ساۋاقداشلارنىڭ يىراقنى كۆزلەپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ، مىننەتتارلىق تۇيغۇسىنى يوقاتماي، تونۇشنى ئاشۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ياخشى قىياپەتنى نامايەن قىلىشىنى، ئاتا-ئانىلارنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلىقىغا شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، تىرىشچان ۋە ئىقتىسادچىللىق بىلەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىشىنى قوللىشىنى، ھەر قايسى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئوقۇش ياردەم مەبلىغىنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى