تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، « 8-مارت » خانىم-قىزلار بايرىمى تەبرىكلەندى

  ئۆز خەۋىرىمىز: ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ئورۇن ۋە  ھەر دەرىجىلىك كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى بەس-بەستە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، «8-مارت» خانىم-قىزلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

  شۇ كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى بىرلىكتە « 8-مارت » خانىم-قىزلار بايرىمىلىق قىز-ئاياللارنىڭ ساغلاملىق بىلىملىرى بويىچە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ ئاياللارغا بايراملىق ساغلاملىق بويۇمىنى سوۋغا قىلدى.  

  شۇ كۈنى يەنە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى « 8-مارت » خانىم-قىزلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيەسى خالىدە مەمەتنى تەكلىپ قىلىپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق نۇقتىسى بولغان بەشتۈگمەن يېزىسى تۆۋەنكى گىشمئېرىق كەنتىدە « ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش−دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش » بويىچە ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش بىلىملىرى توغرىسىدا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردى، بۇ كەنتتىكى 400 دىن ئارتۇق ئاياللار بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

  ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، شۇ كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئالاقاغا بازىرى پەيزىباغ كەنتتىدىكى ئايال قېرىنداشلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، ناخشا ئېيتىپ، بىرلىكتە  « 8-مارت » خانىم-قىزلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • گېرمانىيە كوماندىسى شىۋېتسىيە كوماندىسىنى يەڭدى
  • باركۆل ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان جايغا ئايلاندى
  • ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئېكسپېدىتسىيە ساياھەت مەنزىلگاھى بولۇپ باھالاندى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى