تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

2018-يىلى ئېلىمىز پاكىز ئېنېرگىيە كەسپىنى تېخىمۇ زورايتىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 7-كۈنى دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىلى ئېلىمىز ئېنېرگىيەنى يېشىل تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، پاكىز ئېنېرگىيە كەسپىنى يەنىمۇ زورايتىدىكەن.
    دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى تەتقىق قىلىپ تۈزگەن «2018-يىللىق ئېنېرگىيە خىزمىتى يېتەكچى پىكرى» گە ئاساسەن، بۇ يىل سۇ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئېچىپ پايدىلىنىش بىر تۇتاش پىلانلىنىپ ۋە ئىسلاھ قىلىنىپ، يادرو ئېلېكتىر تەرەققىياتى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شامال ئېلېكتىرى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق توك تارقىتىش پۇختا قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، بىئوماسسا ئېنېرگىيەسى قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلەر پائال تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، تەبىئىي گازدىن پايدىلىنىش تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنئەنىۋىي ئېنېرگىيەلەرنى پاكىز ۋە ئۈنۈملۈك ئېچىپ ئىشلىتىش تېزلىتىلىدىكەن.
    «يېتەكچى پىكىر» دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2018-يىلى مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە ئىستېمالى ئومۇمىي مىقدارى 4 مىليارد 550 مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ يىل پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ يوقىلىپ كېتىش مەسىلىسى تىرىشىپ ھەل قىلىنىپ، ماي، تەبىئىي گازنى زاپاس ساقلاپ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچەيتىلىدۇ؛ گۈللەنمە ئېنېرگىيە كەسپى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال قىلىش يېڭى ئەندىزىسى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ ۋە زورايتىلىپ، ئېنېرگىيە سىستېمىسىدا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات قوللىنىش قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلىرى يولغا قويۇلۇپ، ئەقلىيلەشكەن ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، يۆتكەش، ئىشلىتىش ئەسلىھەلىرى ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى