تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئۆتكۈر شەمشەر بولۇپ قاتتىق جەڭ قىلىمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي يوقىتىمەن

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياسىنجان ياقۇپ

     ‹‹دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش›› يۈكسەك مەنىۋى مەنزىل، شۇنداقلا كىشىنى ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان كۈچ، تېخىمۇ مۇھىمى، بۇرچنى ئادا قىلىشتىكى جاسارەت. مەن شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، شىنجاڭدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، شىنجاڭدا كۈرەش قىلىۋاتقان، سومكا ئېسىپ مەكتەپكە، فورما كىيىپ قىسىمغا، كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ئورگانغا كىرگەن پارتىيەلىك كادىر، ھەر بىر ھايات مۇساپەمدە پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقى ۋە قۇياش نۇرىغا چۆمدۈم، يېڭى دەۋر يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچنى تېخىمۇ ئاڭلىق زىممەمگە ئېلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ۋەتەننى پارچىلايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە بارلىقىنى بېغىشلايدىغان پارتىيەلىك كادىر بولىمەن.
     مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى بىر قاتار ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىمەن، باش نىشاننى قەتئىي تەۋرەنمەي قەلبىمگە پۈكىمەن، چىڭ تۇتىمەن، زىممەمگە ئالىمەن، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرىدىغان پوزىتسىيە ۋە ‹‹تاغدا يولۋاس بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، شۇ تاغقا قاراپ مېڭىش››تەك جاسارەت بىلەن، يېڭى دەۋردە نەتىجە يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ ئىشەنچىسى ۋە كۆيۈنۈشىنى ئاقلايمەن.
     ئادەتتە رول ئويناش ساپاغا، ھالقىلىق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقىش جاسارەتكە، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى›› لەرگە قارشى ئالاھىدە جەڭدە جان پىدالىق كۆرسىتىش روھقا باغلىق. مەن چوقۇم سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما  – تەلەپلىرى بويىچە چاقماق تېزلىكىدە ھەرىكەتكە كېلىش بىلەن ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقلارنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭىمەن، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى مىخ قېقىش روھى بىلەن ئەمەلىي، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكۈم ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمەن، ھەققانىيەت شەمشىرى بىلەن دۈشمەننىڭ ساختا نىقابىنى ئېچىپ تاشلاپ، ھەققانىيەت ساداسى بىلەن ئاممىنىڭ ئېڭىنى ئويغىتىمەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى يوقىتىشتىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە بولدى قىلمايدىغان، قەتئىي ئېتىقاد بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ياخشى قوغدايمەن.
     ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە زىيان يەتكۈزىدىغان پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قولچوماقچىسى، ئەتراپىمىزدىكى ئەڭ خەتەرلىك دۈشمەن. پارتىيە ۋە ئارمىيە ئۇزاق يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، شەمشەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مۇستەھكەم سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش تۇيغۇسى بىلەن كەسكىن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، قىلچە ئىككىلەنمەيمەن، ھەرگىز رەھىم قىلمايمەن، دۈشمەن كۈچلەرگە ھېچقانداق پۇرسەت بەرمەيمەن.
     مەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 –، 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىنتىزامنى قورال قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي باشقۇرۇش، ھەقىقىي قاتتىق بولۇش، باشقۇرۇشقا، قاتتىق بولۇشقا جۈرئەت قىلىش، ئۇزاققىچە باشقۇرۇش، قاتتىق باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدە تۇتۇشقا قويۇپ، تېخىمۇ قەيسەر ئىرادە ۋە پەزىلەت بىلەن ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، رەزىللىكنى جازالاپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ يوشۇرۇن خەۋپى ۋە زىيىنىنى قەتئىي تازىلايمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەشنى رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە سىڭدۈرۈپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ دەل جايىدا قاتتىق زەربە بېرىشتىكى رولى ۋە ئاممىنىڭ ئۆتكۈر كۆزىنىڭ رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ، قاتتىق زەربە بېرىپ، تېز، دەل جايىدا، قاتتىق بولۇپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي ئۈزۈل – كېسىل تارتىپ چىقىمەن، پاكىز تازىلايمەن.
     تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ ئۇزاققا سوزۇلغان جەڭنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، ئەكسىيەتچىل، ياۋۇز، جاھىل، ھىيلىگەر ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ئالدىدا، بىز پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ قويۇپلا، ئوتتۇرىغا چىقمىساق بولمايدۇ، ئىستىلدا پۇختا بولماي، شەكىلۋازلىق قىلساق، پەقەت قۇرۇق گەپ سېتىپ، قەغەز يۈزىگە يېزىپ قويۇپ، تامغا ئېسىپ قويۇپ، يۈزەكى ئىش قىلساق تېخىمۇ بولمايدۇ، چوقۇم ئۆتكۈر شەمشەرنى قىنىدىن چىقىرىپ، مىلتىقنى بەتلەپ، مۇشتنى قاتتىق ئېتىپ، قورالنى قولىمىزغا ئېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىپ، ھەر بىر سۆز – ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، باتۇرلارچە ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە روياپقا چىقىرىشىمىز كېرەك.      
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى