تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش

تەكشۈرۈپ ئوقۇش، ئۆتكەلنى ئىگىلەش خىزمەت مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق، قاتتىق ئاداقىلىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن

  شىنجاڭ گېزىتخانىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىر ئىلھام ۋەلى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹ئىدېئولوگىيە خىزمىتى پارتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك ئىنتايىن مۇھىم خىزمىتى››، ‹‹ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش – ئىشلىيەلمەسلىك پارتىيەنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك›› دەپ كۆرسەتتى. ھازىر ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى يەنىلا ئۆتكۈر ۋە كەسكىن بولماقتا، غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ قوللىشى ۋە كونترول قىلىشى بىلەن، چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› تارىخنى بۇرمىلاپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئارازلىق سېلىپ، بىزدىن بازىنى، كىشىلەر قەلبىنى تالىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسى ئارقىلىق شىنجاڭنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىناقلىقنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.

  ھازىر ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر يەنىلا ئاشكارا ھەم يوشۇرۇن ھالدا قۇتراتقۇلۇق، ئوتقۇيرۇقلۇق قىلىۋاتىدۇ. تەكشۈرۈپ ئوقۇش، ئۆتكەلنى ئىگىلەش خىزمىتىدە يەنە باشقۇرۇشنى بىلمەسلىك، ماسلىشالماسلىق، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، سىياسىي سەزگۈرلۈك كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ. پارتىيەنىڭ ئاخبارات – تەشۋىقات سېپىدىكى كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شۇنى جەزمەن چوڭقۇر تونۇشىمىز كېرەككى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزۈل – كېسىل يوقاتقاندىلا، ئاندىن ‹‹تۇپراق››، ‹‹ئۇرۇق››، ‹‹بازار›› مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولىدۇ، شۇڭا ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئېڭىنى چوقۇم ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، تەكشۈرۈپ ئوقۇش، ئۆتكەلنى ئىگىلەش خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئۆتكەلنى پۇختا ئىگىلەپ، بازىنى مەھكەم ساقلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قىلچە پۇرسەت بەرمەي، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، تەكشۈرۈپ ئوقۇش خىزمىتىدىكى بىرىنچى مەسئۇلىيەت نىشان ۋە يۆنىلىشنى ياخشى ئىگىلەش. توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە، سىياسىي مەيداندا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەشۋىق قىلىپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەر قانداق بازا، ھەرقانداق سورۇندا زوراۋانلىق، تېررورلۇق، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تارقىتىشقا ھەرگىز يول قويماسلىقىمىز كېرەك.

  مەن ئاخبارات – تەشۋىقات سېپىدىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بىرىنچىدىن، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى چوقۇم پۇختا ئىگىلەيمەن. ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئاۋازى ۋە تەشەببۇسىنى ياخشى تارقىتىپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرى، سىياسىي مەيدان مەسىلىلىرىدە ھەرگىز مۈجمەل بولمايمەن، چېكىنمەيمەن، جەڭچىلەردەك مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، تۇتۇشقا، باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلىمەن، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن. ئىككىنچىدىن، بايرىقىم روشەن ھالدا ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ ئوقۇش، ئۆتكەلنى ئىگىلەش خىزمىتى تۈزۈمىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ ئوقۇش خىزمىتىنى گېزىت چىقىرىش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، تەكشۈرۈپ ئوقۇش، ئۆتكەلنى ئىگىلەش مەسئۇلىيىتىنى ھەربىر ھالقا، ھەربىر كىشىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ ئىدىيە مۇداپىئە سېپىنى قەتئىي مۇستەھكەملەيمەن. ئۈچىنچىدىن، يوشۇرۇن مەسىلىلەرنى بايقاشقا ماھىر بولىمەن. ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ئالاھىدە ۋەزىيەتتە، ئۆزىنى پەردازلاپ باشقىچە تۈسكە كىرىۋالغان ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى قاتارلىق ئەكسىيەتچىل پىكىر ئېقىملىرى توختىماي سىڭىپ كىردى، بۇ ئەكسىيەتچىل پىكىر ئېقىملىرىنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈل – كېسىل ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك. تەكشۈرۈپ ئوقۇش، ئۆتكەلنى ئىگىلەش خىزمىتىدە مەسئۇلىيەت ئېغىر، بۇرچ شەرەپلىك. بۇ بىزدىن تەكشۈرۈپ ئوقۇش، ئۆتكەلنى ئىگىلەش خىزمىتىنى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، بازىنى چىڭ ساقلاپ، تەكشۈرۈپ ئوقۇش ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئەكسىيەتچىل پىكىر ئېقىمىغا ھېچقانداق تارقىلىش يولى قالدۇرماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. تۆتىنچىدىن، خىزمەت ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، قىزىل سىزىق بېكىتىپ، قائىدە ئورنىتىپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىمەن. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققىتىمنى باش نىشانغا قاتتىق مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ قاتتىق ۋە تېخىمۇ ئەمەلىي خىزمەت تەدبىرلىرى ۋە روھىي ھالەت بىلەن تەكشۈرۈپ ئوقۇش، ئۆتكەلنى ئىگىلەش خىزمىتىگە ئاتلىنىپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلىگۈچى، ساقلىغۇچى بولۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئىدىيە، جامائەت پىكرى مۇھىتى يارىتىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • گېرمانىيە كوماندىسى شىۋېتسىيە كوماندىسىنى يەڭدى
  • باركۆل ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان جايغا ئايلاندى
  • ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئېكسپېدىتسىيە ساياھەت مەنزىلگاھى بولۇپ باھالاندى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى