تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

رازۋېدكا رومانلىرىنى ئوقۇشنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىنى داۋالاشقا ياردىمى بولىدىكەن

ماتېرىيال سۈرەت 

    كىتاب ئوقۇشتىن قەلبىڭىز راھەتلىنىپ، كۆڭلىڭىز تەسەللىي تاپىدۇ. ئەنگلىيە، گوللاندىيە ۋە ئىتالىيە ئالىملىرىنىڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق خامۇشلۇق كېىسلىنى داۋالىغىلى بولىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، رازۋېدكا رومانلىرىنى ئوقۇشنىڭ بىر قىسىم بىمارلارنىڭ خامۇشلۇققا قارشى تۇرۇش دورىلىرىغا تايىنىۋېلىشىنى يېنىكلىتىشتە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن.

    ئىتالىيە تۇرىن ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرى كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق داۋالاشقا ئائىت 10 تۈرلۈك تەتقىقاتقا قارىتا تەھلىل ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، «كېلىنكىلىق پىسىخولوگىيەلىك باھا» ناملىق ژۇرنالدا  ماقالە ئېلان قىلغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ئاز دېگەندىمۇ ئالتە تۈرلۈك تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، داۋالاشقا قاتناشقان خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرى ئۈچ يىل كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن خامۇشلۇق كېسىلى روشەن دەرىجىدە ياخشىلانغان. 

ماتېرىيال سۈرەت 

    تەتقىقات خۇلاسىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىنى يېنىكلەتكەن ياكى دورىغا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك ئازايتقان. يەنە بىر تۈرلۈك تەتقىقاتنى گوللاندىيە گرونىنگېر ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات كوللېكتىپى قانات يايدۇرغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىسى « ئاممىۋى ئىلىم - پەن كۇتۇپخانىسى . ئۇنىۋېرسال » ناملىق ژورنالدا  ئېلان قىلىنغان. 18 تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كىتاب ئوقۇش پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ پىسىخىكا ساغلاملىق ئەھۋالىنى  ھەمدە يېنىك، ئوتتۇرا دەرىجىدىكى خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرىنىڭ كەيپىيات ھالىتىنى ياخشىلايدىكەن.  

ماتېرىيال سۈرەت 

    ئەنگلىيە لانكاستېر تېببىي ئىنىستىتۇتى تېببىي مائارىپ لېكتورى لىس برېۋستېر كىتاب ئوقۇشنىڭ پىسىخىكا كېسەللىكلىرى بىمارلىرىنى داۋالاش رولىغا قارىتا مۇنداق دېدى: نۇرغۇنلىغان خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرى يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ، گەرچە كىتابتا تەسۋىرلەنگەن شەخسلەرنىڭ  كەچمىشلىرى توقۇلما بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇلارغا ئۈمىد ئېلىپ كېلەلەيدۇ. رازۋېدكا رومانلىرىنى ئوقۇغاندا خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرىنىڭ بەخت تۇيغۇسى ئاشىدۇ. بەزى بىمارلار رازۋېدكا رومانلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئازادىلىك ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشىدۇ، چۈنكى ئوقۇرمەنلەر جىنايەتنىڭ ئاخىرىدا جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.  

ماتېرىيال سۈرەت 

    تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ يېزىققا بولغان ھېسسىيات ئىنكاسى ئارقىلىق قىلمىشىنى ئۆزگەرتىدۇ، دورىغا ئوخشاش چوڭ مېڭىدە خىمىيىلىك ئىنكاس  پەيدا قىلىش ئارقىلىق كېسەللىكنى داۋالىمايدۇ. ئەمما كىتاب ئوقۇش بىلەنلا خامۇشلۇق كېسىلىنى پۈتۈنلەي داۋالىغىلى بولمايدۇ. بىمار كىتاب  ئوقۇش ئارقىلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلىش بىلەن تەڭ، ھەرىكەت قىلىش، ساغلام ئوزۇقلىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن كېسەللىك ئەھۋالىنى ياخشىلىشى  كېرەك.   

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى