تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

«8- مارت خانىم-قىزلار بايرىمى» ھارپىسىدا ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش بويىچە لېكسىيە سۆزلەندى

  ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايونى خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئۈرۈمچى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(يېڭى شەھەر رايونى) ئاياللار بىرلەشمىسى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى بىرلىكتە «ھوقۇق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل ھايات يارىتايلى» تېمىسىدا ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش بىلىملىرى بويىچە لېكسىيە ئورۇنلاشتۇردى.

    تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) ئەنەنچۈي كەنتى ئاھالىسى خەلچىخان ئەلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈرۈمچى يۇقىرى يېڭى تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسىغا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق لېكسىيەدە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە ھەل قىلىش توغرىسىدا بەك ياخشى مەسلىھەتلەرنى بەردىڭلار، بەك ياخشى بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن مەسىلە بولسىلا سىلەردىن مەسلىھەت سورايمىز.

    شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(يېڭى شەھەر رايونى) خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى بىرلىكتە «ھوقۇق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل ھايات يارىتايلى» تېمىسىدا ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش بىلىملىرى بويىچە لېكسىيە ئورۇنلاشتۇردى. ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆسمۈرلەر سوت كوللېگىيەسىنىڭ سوتچىسى جاڭ جو «8- مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» نى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنەنچۈي بازىرى تەۋەلىكىدىكى ئاياللارغا قانۇن بىلىملىرىدىن مەسلىھەت بەردى.

    لېكسىيەدە، سوتچى جاڭ جو «ئاياللارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»، «نىكاھ قانۇنى»، «ئەمگەك قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن ساۋاتلىرىنى يۈزبەرگەن ئەمەلىي مىساللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەپ، نىكاھ ماجېراسى، مال-مۈلۈك بۆلۈشۈش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ھوقۇق مەنپەئەتىنى قانداق قوغداش توغرىسىدىكى قانۇن ماددىلىرنى چۈشەندۈردى. ئىختىيارىي مەسلىھەت سوراش باسقۇچىدا، سوتچى يەنە ئاياللارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا تەپسىلىي جاۋاب بەردى.

    خەلچىخان ئەلى ئاددىي بىر ئائىلە ئايالى، ئۇ بۇ قېتىملىق لېكسىيە ئارقىلىق ئاز بولمىغان يېڭى بىلىملەرگە ئىگە بولغانلىقىنى سۆزلەپ: ئاياللارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنىڭ قانۇن ئارقىلىق قوغدىلىدىغانلىقىغا ئائىت ئازراق چۈشەنچەم بار، بىراق، كونكرېت ۋە ئېنىق ئەمەس. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولۇۋاتىدۇ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش جەھەتتىكى قانۇن-تۈزۈملەرمۇ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ. لېكسىيەدە بۇ ھەقتىكى قانۇن ساۋاتلىرى ئەتراپلىق سۆزلەندى، كۆپ ساۋاتقا ئىگە بولدۇق،-دېدى.

   ئەنەنچۈي كەنت ئاھالىسى ماشىخۇڭ مۇنداق دېدى: ئاياللار ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە مەسىلىگە يولۇققاندا، ھوقۇق مەنپەئەتىنى قانداق قوغدىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى ساۋاتلارنى بەك بىلگۈم بار ئىدى. بۇ قېتىملىق لېكسىيەدە ئورۇنلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن ئاياللارنى كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغاندا، شۇ جايدىكى ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى ياكى سوت مەھكىمىلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلسا بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇق.

   ئۈرۈمچى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ماجىنخۇڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم لېكسىيەگە قاتناشقانلارنىڭ كۆپىنچىسى يېزىلاردىكى ئائىلە ئاياللىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش جەھەتتىكى قانۇن چۈشەنچىسى بىر قەدەر ئاجىز، قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىش يوللىرى بىر قەدەر تار. سوت مەھكىمىسى بىلەن بىرلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان بۇ قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش لېكسىيەسىنىڭ خانىم-قىزلارنىڭ قانۇن ئېڭى ۋە ھوقۇقىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى