تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‹‹قالتىس سەن، ۋەتىنىم›› ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى

  ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم، ئايتىللا ئاتاۋۇللا، پىراكتىكانت تۇمارىس ئەسقەر

  پانۇس بايرىمىدىكى ئۆزگىچە سوۋغا

  3 – ئاينىڭ 2 – كۈنى، يەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ بىرى بولغان پانۇس بايرىمىدا ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق مەدەنىيەت – تەنتەربىيە – ساياھەت ئىدارىسىدىكى ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلەر قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى يوقلاپ ھەم تۇغقانلىرى بىلەن بىللە، شۇ كۈنىدىن ئېتىبارەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىنوخانىلاردا قويۇلغان ‹‹قالتىس سەن، ۋەتىنىم›› ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرۈپ، بۇ يىللىق پانۇس بايرىمىنى ئۆزگىچە مەنە ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە قىلدى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بۇ ئىدارىدىكى ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىدارە باشلىقى رەيھان ئابلىز، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ دەن قاتارلىقلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە بايراملىق سوۋغىلارنى ئېلىپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، ئۇلاردىن بايراملىق ھال سورىدى ھەم ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە پانۇسلارنى ئېسىپ، بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. چۈشتە ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلەر قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىللە بايراملىق تاماق يېگەندىن كېيىن، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە كىنوخانىغا بېرىپ، ‹‹قالتىس سەن، ۋەتىنىم›› ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆردى.

  مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ دەن بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز پانۇس بايرىمىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ھەم قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىمىزغا بايراملىق ئۆزگىچە سوۋغا تەقدىم قىلىش مەقسىتىدە، ئۇلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى ‹‹قالتىس سەن، ۋەتىنىم›› ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى بىللە كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدۇق. بۇ فىلىمدە پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىلدا، ئېلىمىزنىڭ ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، جۇڭگو خەلقىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدىكى ئۇلۇغ كۈرەشلىرى ناھايىتى ئەتراپلىق نامايان قىلىنىپتۇ. مەن بۇ فىلىمنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم. ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا، مائارىپ، قاتناش، ئۇچۇر – ئالاقە، ھەربىي ئىشلار، ياسىمىچىلىق ۋە ئالەم قاتنىشى قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلىرىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم، شۇنداقلا، پەقەت ئۇلۇغ ھەم دانا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى بولغاندىلا، مۇشۇنداق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلارنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىغا يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ئىشەندىم.

  شۇ كۈنىدىكى پائالىيەتكە قاتناشقان قوشماقلاشقان تۇغقانلارنىڭ ۋەكىلى، سايباغ رايونى ‹‹خېيۆ›› ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ جېڭگو بىزگە مۇنداق دېدى: بۇ فىلىم ماڭا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قىلدى. پەن – تېخنىكا، دۆلەت مۇداپىئەسى، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق جەھەتلەردە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مۇشۇنداق قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى چەكسىز بەختلىك ھېس قىلدىم، مەندىكى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدىن ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى ھەسسىلەپ ئاشتى. بۈگۈن سايباغ رايونلۇق مەدەنىيەت – تەنتەربىيە – ساياھەت ئىدارىسىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىمىز بىزنى بۇ فىلىمنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىپ، بىزگە ناھايىتى ئۆزگىچە سوۋغا تەقدىم قىپتۇ، مەن بۇ ئېسىل سوۋغىنى مەڭگۈ ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىم بىلەن ئېجىل – ئىناق ئۆتۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئۈلگىسى بولۇشقا تىرىشىمەن. سايباغ رايونلۇق مەدەنىيەت – تەنتەربىيە – ساياھەت ئىدارىسىنىڭ خادىمى ئېلشات دىلشات مۇنداق دېدى: مەن بۇ فىلىمنى كۆرۈپ ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى كاتتا بىر ئەسەرنى ئوقۇغاندەك، ۋەتەنپەرۋەرلىك توغرىسىدا ئېسىل بىر لېكسىيە ئاڭلىغاندەك تۇيغۇغا كەلدىم، ئانا ۋەتىنىم جۇڭگودىن چەكسىز سۆيۈندۈم. مۇشۇنداق باي ھەم قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولۇش بۇ دۇنيادىكى ھەممىلا ئادەمگە نېسىپ بولۇۋەرمەيدۇ. مەن چوقۇم پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ھەر ۋاقىت پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، خىزمەت ئورنۇمدا تىرىشىپ تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتە ئاۋانگارتلاردىن بولۇشقا تىرىشىمەن!

  ‹‹ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن››

  ‹‹قالتىس سەن، ۋەتىنىم›› ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە دۆلىتىمىزنىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكى، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ تۈرتكىسى ۋە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەمدە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدىكى ئۇلۇغ كۈرەشلىرى ئەتراپلىق بايان قىلىنغان. بۇ فىلىم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە كىشىلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.

  جۇڭگو تېلېگرافى پاي چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شۆبە شىركىتى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ چېڭجاڭ بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز شىركەتتىكى 200دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى ۋە ئىشچى – خىزمەتچىنى 3 – ئاينىڭ 2 – كۈنى بۇ فىلىمنى كۆرۈشكە ئۇيۇشتۇردى. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ بۇ فىلىمدىن تەربىيە ۋە ئىلھام ئېلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش ئىدىيەسىنى قىزغىنلىققا، قىزغىنلىقنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، خىزمەتنى تىرىشىپ ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەنگە، جەمئىيەتكە تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت. مەن بۇ فىلىمنى كۆرۈپ بەك تەسىرلەندىم، بەزى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈۋاتقاندا كۆز چاناقلىرىم ياشقا تولدى، ۋەتىنىمىزنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم ھەم ئۇلۇغ ۋەتىنىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلاندىم. تېلېگراف خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈمگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىمەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق مەدەنىيەت سارىيىنىڭ خىزمەتچىسى مەردان ئەنۋەر مۇنداق دېدى: بۇ فىلىمدىن جۇڭگو كۆۋرۈكى، جۇڭگو يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، جۇڭگو ئوق پويىزى، جۇڭگو پاراخوتى، جۇڭگو تورى قاتارلىقلارنى كۆرۈپ بەكمۇ ھاياجانلاندىم ھەم ھەيران قالدىم. دۆلىتىمىز پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىلدا، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەردە ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، نۇرغۇن ساھەلەردە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى. بۇلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇلۇغ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى بولغانلىقىمدىن چەكسىز پەخىرلەندىم، بىزنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن! مەن بۇ فىلىمدىن ئىلھام ئېلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن خىزمەت ئورنۇمدا تىرىشىپ ئىشلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىگە بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىمەن.

  ‹‹جۇڭگولۇق بولغانلىقىمدىن تولىمۇ پەخىرلەندىم››

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن جۇڭگو كىنو پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىرلىكتە ئىشلىگەن ‹‹قالتىس سەن، ۋەتىنىم›› ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم 3 – ئاينىڭ 2 – كۈنىدىن باشلاپ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىنوخانىلاردا بىرلا ۋاقىتتا قويۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەرساھە كىشىلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. بىز 3 – ئاينىڭ 3 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قىسىم كىنوخانىلارنى ئارىلاپ مۇخبىرلىق قىلىپ، كىشىلەرنىڭ بۇ فىلىم ھەققىدىكى يۈرەك سۆزلىرىگە قۇلاق سالدۇق.

   شىنجاڭ ئاشلىق گۇرۇھىنىڭ خىزمەتچىسى جۇ جيەنمېي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ ھۆججەتلىك فىلىم 90 مىنۇتلۇق بولسىمۇ، ماڭا بەك قىسقىدەك تۇيۇلدى، كۆرۈپ قانمىدىم.   مېنىڭچە، دۆلىتىمىز پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى 90 مىنۇتتا ھەرگىزمۇ سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. بۇ بەش يىلدا دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جەھەتلەردە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بولۇپمۇ، بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدىن جۇڭگودا ھەر مىنۇتتا 20 ئادەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ، بەك تەسىرلەندىم.ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى جوۋ شياۋيەن خانىم يەتتە ياشقا كىرگەن قىزى بىلەن بىللە بۇ فىلىمنى كۆرگىلى كەلگەن ئىكەن، ئۇ بىزگە مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا: ‹‹پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئەتراپلىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساپا مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرۈش لازىم››، دەپ تەكىتلەندى. بۇ ۋەزىپە بىز ئاتا – ئانىلارنىڭمۇ زىممىسىدە. بىز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كاللىسىغا كىچىكىدىن باشلاپ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈشىمىز ھەم ئۇلاردا ‹‹بەشنى تونۇش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. شۇ مەقسەتتە مەن بۈگۈن قىزىمنى كىنوخانىغا بىللە ئېلىپ كەلدىم. بۇنىڭدىن كېيىن، مەيلى تۇرمۇشتا ياكى خىزمەتتە بولسۇن، قىزىمغا ئۈلگە بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلگەن، ساغلام ئىزباسارلاردىن بولۇشى ئۈچۈن تىرىشىمەن.

   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ‹‹قىزىل ئۆكتەبىر›› ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق 60 ياشلىق تۇراخان تەۋەككۈل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: مەھەللىدىكى قوشنىلار بۇ فىلىمنى ئالايىتەن كۆرگىلى كەلدۇق. بۇ فىلىمدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى مېنى بەكمۇ قايىل قىلدى. بولۇپمۇ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، مائارىپ ۋە نامراتلارنى يۆلەش جەھەتتە قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى كۆرۈپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ھەقىقەتەن قۇدرەت تاپقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. دەرۋەقە، يۇرتىمىز شىنجاڭدىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، زور تەرەققىياتلار قولغا كەلدى، شۇڭا بىز كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەك ۋە تۇرالغۇنىڭ غېمىنى قىلماي خاتىرجەم ياشاۋاتىمىز. بىز چوقۇم پارتىيە، ھۆكۈمەت يارىتىپ بەرگەن بەختىيار تۇرمۇشنىڭ قەدرىگە يېتىپ، قولۇم – قوشنىلار بىلەن ئېجىل – ئىناق ئۆتۈپ، پارتىيەگە ھەرۋاقىت مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ، پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئۇلارنى ياراملىق ئىزباسارلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا تىرىشىمىز.

   ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، پىروفېسسور ھەسەنجان مەمەت مۇنداق دېدى: بۇ فىلىمدە پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر ناھايىتى يارقىن ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى مائارىپ ۋە پەن – تېخنىكا جەھەتتىكى مەزمۇنلار ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلدى. دەرۋەقە، يېقىنقى بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدىمۇ ھالقىش خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلدى. يېزا – قىشلاقلىرىمىزدا ‹‹قوش تىل›› يەسلىلىرى كۆپلەپ قۇرۇلدى. ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا ھەقسىز ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئالىي مەكتەپلىرىمىزنىڭ شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستى. مەن بۈگۈن بۇ فىلىمنى كۆرۈپ جۇڭگولۇق بولغانلىقىمدىن تولىمۇ پەخىرلەندىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى