تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى: ئېغىر نامرات رايونلارنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا «يوچۇق» قالدۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلىمىز

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۇڭفۇ 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: ئېغىر نامرات رايونلارنى ئۆلچەپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى جايىدا ئىشلىمىگەن، ۋەزىپىنى تاماملىيالمايدىغانلارغا بالدۇر خىزمەت ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا «يوچۇق» قالدۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلىمىز.

    ليۇ يۇڭفۇ مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا، ئېغىر نامرات رايونلار ئىنتايىن مۇھىم.

    ليۇ يۇڭفۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر مەملىكەت بويىچە %3.1 لىك نامراتلىق نىسبىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغا قەدەر، مەملىكىتىمىزدە نامراتلىق نىسبىتى %18 تىن ئاشىدىغان يەنە تەخمىنەن 110 ناھىيە بار، نامراتلىق نىسبىتى %20 تىن ئاشىدىغان 16 مىڭدىن ئارتۇق كەنت بار، بۇ رايونلارغا قارىتا خىزمەت سالمىقى ۋە سېلىنما سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆتكەلگە قەتئىيلك بىلەن ھۇجۇم قىلىش كېرەك. بۇ يىل ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا ئېغىر نامرات رايونلارنى قوللاش، مەركەز مالىيەسىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن نامراتلارنى يۆلەش سېلىنمىسى شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك يۆتكىمە چىقىمنىڭ ئېغىر نامرات رايونلارغا مايىللىشىشىنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    ياشانغانلار، مېيىپلار، ئېغىر كېسەلگە گرىپتار بولغان بىمارلار قاتارلىق ئالاھىدە نامرات ئاھالىلەرگە قارىتا، ئائىلە، ئادەم بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەپ، باھالاش، نازارەت قىلىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش كېرەك.

    ھازىر مەركەز بېكىتكەن ئېغىر نامرات رايونلاردىن شىزاڭ ئاپتونوم رايونى، تۆت ئۆلكىدىكى زاڭزۇلار رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە سىچۇەن لياڭشەن، يۈننەن نۇجياڭ، گەنسۇ لىنشيا قاتارلىق «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» بولۇپ، بۇ رايونلارنىڭ نامراتلىشىش سەۋەبى مۇرەككەپ، نامراتلىق دەرىجىسى چوڭقۇر. ئۈچ يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، بۇ رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئىنتايىن مۈشكۈل.

    ليۇ يۇڭفۇ مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ھازىر «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» نى نۇقتىلىق قوللاشنى كۈچەيتىلدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى «ۋاقىت جەدۋىلى» ۋە «يول خەرىتىسى» ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى.

    ليۇ يۇڭفۇ مۇنداق دېدى: نامراتلىقنى ئازايتىش نىشانىغا ئۆز قەرەلىدە يېتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2018-يىلى ئىستىل قۇرۇلۇشى يىلى دەپ بېكىتىلدى ھەم ئەڭ قاتتىق باھالاش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. بۇ، بېسىمنى ساقلاش، ئەمەلىيلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك رولنى ئويناپ، نامراتلارنى دەل، توغرا پەرقلەندۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئاممىنى رازى قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى