تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئارزۇ ئۈچۈن كۈرەش قىلىش بەختلىك ئىش

  فەن خۇڭيى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى باغدۆۋلەت 3 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئاز سانلىق مىللەت ساھەسىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ھازىر كەنتتىكى نۇرغۇن كىشى شەھەرلىكلەردەك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ، ئۇلار ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، ئازادە، تۈپتۈز يولدا ماڭىدۇ، ئۈندىداردا چىقىم قىلىدۇ... بۇلار پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بىزگە ئاتا قىلغان بەختىيار تۇرمۇش. كۆپچىلىك ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتى، شۇڭا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، باشتىن – ئاخىر پارتىيەنىڭ مېھىر – شەپقىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭ چىن ھېسسىيات بىلەن قىلغان بۇ سەمىمىي سۆزى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. بۇ ئالقىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىغا بىلدۈرۈلگەن مىننەتدارلىق، بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئوقۇلغان مەدھىيە، گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئىنتىلىش.

  خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشىغا ھەر بىر كىشىنىڭ كۈچى مۇجەسسەملەنگەن. مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان كۈرەش قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە قان – تەرى بىلەن دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئارزۇ قىلىپ، ئارزۇ ئۈچۈن كۈرەش قىلغاچقا، بۈگۈنكى جۇڭگو دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. كۈرەش ئۈچۈن ئاققۇزۇلغان قان – تەر بىر مىللەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىدىن ئىبارەت بۇ ئېتىزنى سۇغىرىپ، ئارزۇ گۈللىرىنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ھەر بىر كىشىنىڭ ئارزۇسى بولىدۇ. نامراتلار نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار يېزا – كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ؛ ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىشتە ئىلگىرىلەشنى ئارزۇ قىلىدۇ، خىزمەتچىلەر كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ؛ ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر كىشىلەرنىڭ ساغلام بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئىشچان باغۋەنلەر مېۋىلەرنىڭ مەي باغلاپ پىشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ... ھەر بىر ئارزۇ شۇنچىلىك گۈزەل، شۇنچىلىك نۇرلۇق. يېڭى دەۋر كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ دەۋرى، ئارزۇ ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلغاندىلا، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز ۋە ئۇلۇغ دەۋردە ياشاۋاتقان ھەر بىر جۇڭگولۇق كىشىلىك ھاياتتا قالتىس نەتىجە يارىتىش پۇرسىتىدىن، ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش پۇرسىتىدىن، ۋەتەن ۋە دەۋر بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە ئىلگىرىلەش پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنەلەيدۇ.

  دۆلىتىمىزنىڭمۇ ئارزۇسى بار. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش دۆلەتنىڭ ئارزۇسى، مىللەتنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا ھەر بىر جۇڭخۇا پەرزەنتىنىڭ ئارزۇسى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگولۇق بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىسەكلا، ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى چوقۇم پۈتەلەيمىز.

  شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ گۆھەر زېمىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى زور ئۈمىد كۈتۈۋاتقان، چەكسىز غەمخورلۇق قىلىۋاتقان گۈزەل مۇنبەت زېمىن. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىن كۈتۈۋاتقان سەمىمىي ئۈمىدى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختى ۋە ئۈمىدى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش تىيانشان ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ ئورتاق قەلب ساداسى، شۇنداقلا تىيانشان ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ بەختلىك ئىشى.

  ھازىر شىنجاڭ دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە خىرىس يەنىلا كەسكىن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئاسانلا، داقا – دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كۈرەش قىلىش ـــ بەختلىك ئىش، كۈرەش قىلىش ھەم جاپالىق، ئۇزاق مۇددەتلىك، ئەگرى – توقايلىققا تولغان بولىدۇ، جاپا – مۇشەققەت بولمىغان كۈرەش ھەقىقىي كۈرەش ھېسابلانمايدۇ. كۈرەش قىلىش روھى شۇنىڭ ئۈچۈن قىممەتكى، قىيىنچىلىق ۋە زىددىيەتكە قانچە دۇچ كەلگەنسېرى، ئادەتتىن تاشقىرى كۈچ شۇنچە ئۇرغۇيدۇ. ھازىر تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىغا نەزەر سالساق، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان بارلىق كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەر، تولۇپ تاشقان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن تىرىشىپ گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىۋاتقان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما كۈرەش قىلىشنىڭ مەنىسىنى تىرىشىپ پۇختا شەرھلىمەكتە.

  ئارزۇ، پۇرسەت، كۈرەش بولسىلا، بارلىق گۈزەل نەرسىلەرنى ئىجاد قىلغىلى بولىدۇ؛ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، چىدامچانلىق، جاسارەت بولسىلا، بارلىق گۈزەل ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››غا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر، ئەزالار مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىۋاتىدۇ، خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ، تىيانشان پەرزەنتلىرى باش شۇجىغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا تېخىمۇ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ باش نىشانغا يېتىش ئىشەنچىسى تېخىمۇ كۈچەيدى. كاللىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا توغراققا ئوخشاش چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، يېڭى دەۋردە تىرىشىپ يېڭى نەتىجە يارىتىمىز... بۇ، جاراڭلىق كۈرەش خىتابنامىسى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلار تىرىشىپ ئىتتىپاق – ئىناق، باي، گۈللەنگەن، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلماقتا، ھەر بىر تامچە ئىسسىق قان ۋە تەر جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قىممەتلىك كۈچتۇر.

  ‹‹گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرايلى››، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھەر مىللەت خەلقتىن كۈتكەن ئۈمىدى قەلبىمىزگە چوڭقۇر ئورنىدى. بىز ئارزۇ ئۈچۈن، شۇنداقلا بەختىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى