تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش شەرتى يولغا قويۇلدى

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 2018-يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش شەرتلىرى يولغا قويۇلدى، نوپۇسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىككى يىللىق  ماھىيەتلىك ئوقۇش تەۋەلىكى بولسا ئىمتىھانغا تىزىملىتالايدۇ.
  مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىللىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نوپۇسى قاتارلىقلارغا تەپسىلىي تەلەپ قويۇلغان. ئۈرۈمچى رايونىدا ئوقۇپ بۇ يىل تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا قاتنىشالايدىكەن.
  ئارىسىدا ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈرۈمچىدە دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇستىكىلەر بولۇشى شۇنداقلا ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ياكى رايون (ناھىيە) لۇق مائارىپ ئىدارىسى تىزىمغا ئالغان ئوقۇش تەۋەلىكى بولۇشى لازىم؛ نوپۇسى بۇ شەھەردە بولمىغان، بۇ يىل تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى مۇشۇ شەھەردە ئىشلىشى، شەھەر ياكى رايون (ناھىيە) لۇق مائارىپ ئىدارىسى تىزىمغا ئالغان ئىككى يىل ھەم ئىككى يىلدىن يۇقىرى ئوقۇش تەۋەلىكى بولۇشى شۇنداقلا مۇشۇ شەھەردە ھەقىقىي ئوقۇغان بولۇشى لازىم؛
  نوپۇسى مۇشۇ شەھەردە ئۆزى سىرتتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار تىزىملاتقاندا شۇ يەردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى بېكىتكەن ئوقۇش تەۋەلىكى ئىسپاتى، ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچى بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ نوپۇسى، كىملىك ئەسلى نۇسخىسى بىلەن كۆپەيتىلمە نۇسخىسىنى تەمىنلەپ بېرىشى لازىم. بۇ خىلدىكى ئوقۇغۇچىلار بۇ يىل 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە نوپۇسىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ بولۇشى لازىم.
  تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولغان ئوقۇغۇچىلار تىزىملىتىشتا ئۇيغۇن كېلىشى زۆرۈر شەرتلەر: ئۈرۈمچى رايونىنىڭ دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇسى بولۇش كېرەك؛ شىنجاڭ ئىچىدە دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇستىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇشۇ شەھەردە ئۈچ يىللىق ئوقۇش تەۋەلىكى بولۇشى شۇنداقلا ھەقىقىي ئوقۇغان بولۇشى لازىم؛ نوپۇسى شىنجاڭ ئىچىدە بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ موشۇ شەھەردە توققۇز يىللىق ئوقۇش تەۋەلىكى بولسا شۇنداقلا ئۇدا توققۇز يىل ھەقىقىي ئوقۇغان بولسا ئىمتىھانغا تىزىملىتالايدۇ.
  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تىزىملىتالمايدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دائىرىسى: شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ياكى رايون (ناھىيە) لۇق مائارىپ ئىدارىسىدە تىزىمغا ئالدۇرۇلغان ئوقۇش تەۋەلىكى بولمىغان ئوقۇغۇچىلار؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ (تۈرلۈك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) لەردە ئوقۇۋاتقان، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار؛ تۈرلۈك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار؛ ئالدىنقى يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا كۆز بويامچىلىق قىلغان ھەمدە ئىمتىھانغا تىزىملىتىش سالاھىيىتى، ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنغانلار، بۇ يىل ئىمتىھانغا قاتناشتۇرماسلىق بەلگىلەنگەن ئوقۇغۇچىلار.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى