تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساقلا، گۈزەل كەلگۈسىگە يېتەلەيمىز

  لى ياڭ، جاۋ جىيۈن، يۈەن لېي

  ‹‹پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساقلا، نامراتلىقتىن قۇتۇلالايمىز››. بۇ، ۋەكىل مەمتىمىن ئابدۇغېنىنىڭ خەلق ئەھۋالى خاتىرىسىگە ئەڭ كۆپ يېزىلغان سۆز؛ ‹‹پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساقلا، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەلەيمىز››. بۇ، كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى سايباغ مەھەللىسىدىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەرنىڭ ۋەكىل سۈي جيۇشيۇغا ھاۋالە قىلغان يۈرەك سۆزى؛ ‹‹پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساقلا، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ››. بۇ، ئەزا باغدۆۋلەتنىڭ يېزىغا چۈشۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا دائىم ئاڭلايدىغان سۆزى...

  ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تىكى چاقناپ تۇرغان ئاشۇ سانلار، يېپيېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئېرىشىش تۇيغۇسىدۇر. ۋەكىللەر، ئەزالار مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى چوقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ. قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساقلا، چوقۇم گۈزەل كەلگۈسىگە يېتەلەيمىز.

  ۋەكىل مەمتىمىن ئابدۇغېنى: مۇۋەپپەقىيەتلەر كىشىگە ئىلھام بېغىشلايدۇ، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، خوتەن ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ كادىرى مەمتىمىن ئابدۇغېنى مۇنداق دېدى: ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تىكى تۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەتلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر بىزنىڭ يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش ئىشەنچىمىزنى، ئىرادىمىزنى ۋە جاسارىتىمىزنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى.

  خوتەن ۋىلايىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى ئاساسلىق جەڭگاھلارنىڭ بىرى. مەمتىمىن ئابدۇغېنى كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى مەزمۇنلارغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلدى.

  مەمتىمىن ئابدۇغېنى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيان، 68 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى؛ 2018 – يىلى يەنە يېزىلاردا 10 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلىدۇ. بۇ سان – سېپىرلار ھەر بىرنامرات ئائىلە، ھەر بىر نامرات ئاممىغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  مەمتىمىن ئابدۇغېنى مۇنداق دېدى: خوتەن ۋىلايىتى گەۋدىلىك چەكلىمىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ‹‹يەتتە بىر تۈركۈم››، ‹‹ئۈچ سالماقنى ئاشۇرۇش››نى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر قوللىنىپ، دەل جايىدا بولۇشنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈردى. ھازىر ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا مەسئۇل 1 – شۇجىلارنىڭ ياردىمىدە، نۇرغۇن نامرات كەنتتە ھەمراھ زاۋۇت قۇرۇلدى، نامرات ئائىلىلەر ئىشلىيەلەيدىغان، پۇل تاپالايدىغان بولدى، بەزى نامرات ئائىلىلەر باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇردى، بەزىلەر ھويلا – ئاران ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللاندى، ئۇلارنىڭ ‹‹نامراتلىق قالپىقى››نى چۆرۈپ تاشلىشى، ‹‹نامراتلىق يىلتىزى››نى قومۇرۇپ تاشلىشىدىن ئۈمىد بار. ‹‹نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلدۇرۇشقا ئىشەنچىمىز بار، ئاممىنىڭ تېخىمۇ ئىشەنچىسى بار››، دېدى مەمتىمىن ئابدۇغېنى.

  ۋەكىل سۈي جيۇشيۇ: يېڭى ئىدىيە يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىلگىرىلەش يولىمىزنى تېخىمۇ نۇرلاندۇردى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازارلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، تەشكىلىي ھەيئىتى، سايباغ مەھەللىسىنىڭ 1 – شۇجىسى، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى سۈي جيۇشيۇ مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭ ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تا بۇ يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى ئۈستىدە توختىلىپ، شەھەر – بازارلاردا 11 مىليوندىن كۆپرەك كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، شەھەر – بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.5، شەھەر – بازارلاردا تىزىمغا ئېلىنغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.5 ئىچىدە تىزگىنلىنىدۇ؛ ئاھالىنىڭ كىرىمى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ماس قەدەمدە ئاشۇرۇلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. بۇلارنى ئاڭلىغىنىمدا، بۇ يىل جەزمەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سايباغ مەھەللىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەيمەن، دېگەنلەرنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم.

  سۈي جيۇشيۇ مۇنداق دېدى: مەھەللىدە خىزمەت قىلىۋاتقىنىمغا تۆت يىل بولدى، مۇشۇ يىللاردا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قىيىنچىلىقى بارلارنى يۆلەش قاتارلىق بىر قاتار سىياسەتلەرنى چىقاردى، مەھەللىمىزدىكى ئاھالىلەر تېخىمۇ مۇقىم خىزمەتكە، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئىجتىمائىي كاپالەتكە، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىگە ئېرىشتى، تويۇش، كىيىش، تۇرالغۇ، يول يۈرۈشتىن تارتىپ مائارىپ، داۋالىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى. مەھەللىدىكى ئامما خۇشال ھالدا، باش شۇجى بىز بىلەن قەلبداش، پارتىيە بىزگە خاتىرجەم، گۈزەل تۇرمۇش ئاتا قىلدى، دېيىشتى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى قەلبىگە پۈكۈپ، بارلىق تەدبىرلەردە ئەلگە نەپ يەتكۈزدى، مۇشۇنداق يېڭى دەۋردە ياشىغىنىمىز بىزنىڭ بەخت – تەلىيىمىز.

  يېڭى دەۋردە تېخىمۇ يېڭى نەتىجە يارىتىش كېرەك. سۈي جيۇشيۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەر كۈنى ئامما بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇرغاچقا، چوقۇم كاللىمىزنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، مەھەللە خىزمىتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئاھالە بىلەن ئالاقە باغلاشنىڭ يېڭى يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىشنىڭ يېڭى تەدبىرلىرىنى كۆپەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنى تۈزەش خىزمىتىنى تېخىمۇ راۋان، تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

  ئەزا باغدۆۋلەت: بىر مەقسەتتە پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، يېڭى تۇرمۇشقا قۇچاق ئاچىمىز

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى باغدۆۋلەت 3 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئاز سانلىق مىللەت ساھەسىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ھازىر كەنتتىكى نۇرغۇن كىشى شەھەرلىكلەردەك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ، ئۇلار ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، ئازادە، تۈپتۈز يولدا ماڭىدۇ، ئۈندىداردا چىقىم قىلىدۇ... بۇلار پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بىزگە ئاتا قىلغان بەختىيار تۇرمۇش. كۆپچىلىك ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتى، شۇڭا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، باشتىن – ئاخىر پارتىيەنىڭ مېھىر – شەپقىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭ چىن ھېسسىيات بىلەن قىلغان بۇ سەمىمىي سۆزى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

  ئەزا باغدۆۋلەت ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تىكى ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشكە ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، دوكلاتتىكى ھەر بىر جۈملە سۆزنىڭ ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ياخشى سىياسەت ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئائىلە ئەڭ كىچىك دۆلەت، دۆلەت مىليونلىغان ئائىلىدىن تەركىب تاپقان، بىزدەك ھەر بىر كىچىك ئائىلىنىڭ ئىشىنى ياخشى ھەل قىلىش دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشىغا چېتىلىدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تۇرمۇشىمىز جەزمەن يىلسېرى تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى