تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەيلى

   گاۋ فاڭ

  2017 – يىلى 3 – ئاينىڭ 10 – كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىنىڭ ئۇل تېشى. مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك.

  تاپشۇرۇقنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئۈمىدنى يەردە قويمايمىز. بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش››، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ۋە ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى داۋاملىق كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ۋە ئارىلىشىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملىدى. خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ئازسانلىق مىللەتلەرمۇ بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، دەيدىغان ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسى ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيىتىگە ئايلاندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش›› دېگەن گۈزەل ئۈمىدى رېئاللىققا ئايلانماقتا.

  ھەممەيلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتمەكتە

  بۇ يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، شىنجاڭ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ۋە تىيانشان تورى بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان ‹‹شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى تەسىس قىلىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ تور سۇپىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىدىكى كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان ھېكايىلەر ۋە يارقىن نۇقتىلار كىشىلەرگە ئەڭ بالدۇر نامايان قىلىندى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا: ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى داۋاملىق ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپ تەربىيەسى، ئائىلە تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. شىنجاڭدىكى پارتىيەلىك كادىرلار باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەشەببۇسكار ھالدا ھەر مىللەت ئامما بىلەن تۇغقانلىشىپ، دائىم بېرىش – كېلىش قىلىدىغان، ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان، چىن ھېسسىيات بىلەن ياردەم بېرىدىغان غايەت زور ئېقىننى شەكىللەندۈردى.

  بۇلتۇر 3 – ئاينىڭ 25 – كۈنى، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ناملىق تۇنجى يولۇچىلار ئالاھىدە تېز پويىزى قاتنىدى، بۇ، تۆمۈريول شىنجاڭغا كىرگەن 60 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە بىۋاسىتە قاتنىغان تۇنجى يولۇچىلار ئالاھىدە تېز پويىزى بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە بېرىش يولىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇردى.

  تۇغقانلىرى ھەققىدە پاراڭلىشىش، ئالغان سوۋغاتلىرىنى بىر – بىرىگە كۆرسىتىش، بىرلىشىپ كۆڭۈل ئېچىش... ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە ھەر كۈنى بىر قېتىم قاتنايدىغان ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ناملىق يولۇچىلار ئالاھىدە تېز پويىزىدا مۇشۇنداق مېھىر – مۇھەببەتلىك مەنزىرە بارلىققا كەلدى. بۇ پويىزغا يۈكلەنگىنى دەل پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىدەك ئاتەشلىك مېھىر – مۇھەببەت ئىدى.

  بۇلتۇر 12 – ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر يېزا – كەنتلەرگە،مەھەللىلەرگە بېرىپ، ئامما بىلەن تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولدى. كۆپچىلىك تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، بىللە ئەمگەك قىلدى، ھويلا – ئاراننى يىغىشتۇردى، ھال – مۇڭ بولۇشۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدەندى... مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش كەيپىياتى كۈندىن – كۈنگە قويۇقلاشتى.

  بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە، ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى داۋاملىق ئەۋجىگە چىقتى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ئىدارە، ئورۇنلىرىدىكى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر مۇھەببەت، مەسئۇلىيەت، جاۋابكارلىق تۇيغۇسى بىلەن ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، ‹‹تۆتتە بىللە بولۇش، ئۈچنى يەتكۈزۈش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يۇرتداشلارغا بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ئېلىپ بېرىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىكتە چاغاننى خۇشال – خۇرام ئۆتكۈزدى.

  بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، سېنىڭ، مېنىڭ دېيىشمەي، قەلبداش بولۇپ، بار – يوقنى تەڭ كۆرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى.

  مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش يېڭى كەيپىياتى يارىتىلدى

  خوتەن شەھىرىدىن تەخمىنەن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، كۆپ مىللەت ئاھالىسى گىرەلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىتتىپاق يېڭى كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا كۆيۈنۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى ھېكايىلىرىنى ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۈزۈلمەس مېھىر – مۇھەببەت داۋاملاشماقتا.

  ئىلىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان نىلقا ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم يېزا – بازار، مەيداندا مىللەتلەر ‹‹گىرەلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنت›› يەرلىكنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالدى، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى بىر جايدا ئولتۇراقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى بىرلىكتە راۋاجلاندۇرۇپ، ئورتاق بېيىپ، ‹‹بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان›› مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ئائىلىسىنى شەكىللەندۈردى.

   ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى توپاتاغ تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ توپاتاغ مەھەللىسىدە، مىللەتلەرنىڭ ھەر قېتىملىق ئەنئەنىۋى بايرىمىدا، ‹‹سىز ئۆيۈمگە كېلىپ يۆبىڭ يەڭ، مەن ئۆيىڭىزگە بېرىپ پولۇ ئېتىپ بېرەي›› دېگەندەك پائالىيەتلەر ئۈزۈلمەيدۇ، ئاھالىلەرمۇ بۇنداق خۇشاللىق، ئىللىقلىققا تولغان چوڭ ئائىلە پائالىيىتىگە ئادەتلىنىپ كەتكەن.

  خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدىكى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ياشاپ، بىللە پائالىيەت قىلىپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۆز ئارا تىل ۋە ماھارەت ئۆگىنىپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، كىچىك ئىشلاردىمۇ ئۇرۇق – تۇغقانلاردەك مېھىر – مۇھەببەت يېتىلدۈرۈپ، كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى پورەكلەپ ئېچىلدۇردى.

  ھازىر، شىنجاڭ زېمىنىدا مىللەتلەر ئالاقىلىشىدىغان، ئالماشتۇرىدىغان، ئارىلىشىدىغان، بىللە ياشاپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئىشلەپ، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان گۈزەل مەنزىرە بارلىققا كەلدى، ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈپ، ئۆز ئارا ھەمدەم بولۇپ، گۈزەل تۇرمۇشنى بىرلىكتە ياراتماقتا.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش نەتىجىلىرى مول بولدى

  بىر يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى باشتىن – ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەڭ مۇھىم ئىش قىلىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، بىرلىكتە ئىلگىرى سۈردى.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىچكى مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، جايلار، تارماقلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋاسىتىسى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مول مەزمۇنلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق – تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى؛ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەنزىلى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشتىكى توققۇز تۈرلۈك قۇرۇلۇشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنىڭ پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش بىلەن ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق مەبلەغ جۇغلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملاردا ‹‹بەش قاراش››، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› ۋە ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن ۋەتەننىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى تولۇق تونۇتۇلدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىنى تىكلەپ، تەستە قولغا كەلگەن ئىناق، مۇقىم ۋەزىيەت، تەستە قولغا كەلگەن ئۆگىنىش پۇرسىتىنى تىرىشىپ قەدىرلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئاشۇرۇلدى.

  قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش پائالىيىتىدە، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار دۆلەت بايرىقى چىقىرىش، سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، ئۆيىگە بېرىپ تۇغقانلىشىش، ھال سوراش بۇيۇملىرى تەقدىم قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، قوشماقلاشقان ئامما بىلەن تەشەببۇسكار ھالدا دوست بولۇپ، ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ مىللەت – دىن سىياسىتى، يۆلەش – ئېچىش سىياسىتى، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى قاتارلىقلارنى تەشۋىق قىلىپ، ئامما بىلەن تېخىمۇ يېقىنلاشتى.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر قاتار جانلىق ئەمەلىيەتلەر ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسى ياڭرىتىلىپ، ھەر مىللەت ئامما قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچ ئۇرغۇتۇلۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە پۇختا ئاساس سېلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى