تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇستەھكەم ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك

شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلدى

  يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى 3 – ئاينىڭ 7 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ھەرقايسى ساھەلەر گۇرۇپپىسى بويىچە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى(لايىھە)››نى چۆرىدەپ قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى.

  ئەزا نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئىزچىللىقى، مۇقىملىقى، نوپۇزىنى ساقلاش ئاساسىدا، يېڭى ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلىشىپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يېڭى ئۆلچەم چىقىرىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە، مۇكەممەللىشىشىگە ۋە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولغاندىلا، ئاساسىي قانۇن ئۇزاققىچە ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە بىر قاتار زور نەزەرىيەۋى قاراش ھەمدە زور فاڭجېن – سىياسەتلەر دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىغا كىرگۈزۈلدى، پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى دۆلەتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىگە ئايلاندۇرۇلدى. بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشكە ۋە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلغانلىق، ھەم پارتىيە، دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقانلىق، ھەم ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلغانلىق بولۇپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ يۈكسەك بىرلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈردى. مەن بۇنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن، ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنىڭ لايىھەسىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن، ئىلگىرىكىدەكلا باشلامچى بولۇپ، ئاساسىي قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىپ، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىپ، ئاساسىي قانۇننى ھىمايە قىلىپ، ئاساسىي قانۇننى تەتبىقلاپ، ئاساسىي قانۇن ئىشەنچىمنى چىڭىتىپ، قانۇنچىللىق ئېڭىم، قانۇنچىللىق قارىشىمنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ئاساسىي قانۇننىڭ سادىق چوقۇنغۇچىسى، ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچىسى، قەتئىي ھىمايە قىلغۇچىسى بولۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىگە ئاساسەن مەسئۇلىيىتىمنى قەتئىي ئادا قىلىمەن.

  ئەزا دېڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى›› دېگەننى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈپ، پارتىيەنىڭ دۆلەتتىكى رەھبەرلىك ئورنىنى سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك خاراكتېرى يۈكسەكلىكىدىن بېكىتىش پارتىيە رەھبەرلىكىنى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى خەلقنىڭ ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە بىردەك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ باشتىن – ئاخىر توغرا يولنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق.

  ئەزا پەن شياۋيەن مۇنداق دېدى: دۆلەت رەئىسىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە كۈچلۈك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشقا، دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق. مەن بۇنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن، ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن.

  ئەزا ياڭ جيې مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن زور نەزەرىيەۋى قاراش ۋە زور فاڭجېن، سىياسەتلەرنى دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىغا كىرگۈزۈش پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى يېڭى نەتىجە، يېڭى تەجرىبە ۋە يېڭى تەلەپنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى