تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

  ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مىللەتلەر ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ،جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىش كېرەك

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى

  چېن چۈەنگو سۆز قىلدى، ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 3 – ئاينىڭ 7 – كۈنى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو سۆز قىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلانغان، ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول، سەمىمىيلىككە تولغان بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت چېگرا رايونلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەرەققىي قىلمىغان رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈردى، يېڭى دەۋردە ئاز سانلىق مىللەت چېگرا رايونلىرىنىڭ خىزمىتىنى ئىلمىي كۆرسەتمە ۋە تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى قەتئىي ساقلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يىلتىز تارتىپ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يېڭى دەۋرگە ئۇيغۇنلىشىپ، دىققەتنى يېڭى تەلەپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى پۇختىلاپ، كۈچەيتىپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، زور خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يەنىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئالتە دەل جايىدا بولۇش››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئۈچ يىللىق لايىھەسىنى زىچ چۆرىدەپ، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يەرنى ئېنىقلاپ قايتا تەقسىملەش، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق نامرات ئاممىنى ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك ئورۇننىڭ شۇجىسى بىرلىكتە تۇتۇش، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى ئۆزى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەشنى نامراتلارنى ئىرادە، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قىيىن نۇقتىغا تىگىش قىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ نەزەرىيەنىڭ يىلتىزىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيەت ئاساسىنى بارغانسېرى مۇستەھكەملەش كېرەك. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش››، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ۋە تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى تەربىيەسىنى ئورگان، مەكتەپ، كارخانا، مەھەللە، يېزا – كەنت، ھەربىي گازارما، تۈەن – مەيدان، ليەندۈي، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغىچە كىرگۈزۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، رىشتىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ئىتتىپاق – ئىناق، باي، گۈللەنگەن، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

   يىغىنغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىدىن نەيىم ياسىن، ليۇ خەيشىڭ، شى داگاڭ، لى ۋېي، ما شۆجۈن، لو دۇڭچۈەن، پېڭ جيارۈي، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار قاتناشتى. 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەسقەت كەرىمباي يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.