تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دىققەتنى باش نىشانغا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك

  جۇ خەيلۈن ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

  دىققەتنى باش نىشانغا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك

  لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن 3 – ئاينىڭ 6 – كۈنىدىن 7 – كۈنىگىچە ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ پارتكوم شۇجىلىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى قايتا ئورۇنلاشتۇردى. جۇ خەيلۈن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە، شەھەرلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدىكى بىر يۈرۈش قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەرقنى تېپىش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  جۇ خەيلۈن ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە، شەھەرلەر پارتكوم شۇجىلىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىلى ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، پۈتۈن ئوبلاستنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولدى، لېكىن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، پۈتۈن ئوبلاستتىكى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى قارىغۇلارچە ئۈمىدۋار بولۇش، بوشاڭلىق ۋە بىخۇدلۇق ئىدىيەسىنى ئاڭلىق يېڭىپ، ئۇزاققىچە جەڭ قىلىش ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، شەخسىي غەرەزنى قەتئىي تۈگىتىپ، خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك.

  جۇ خەيلۈن مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمىتى مۇقىملىقنى چىڭ تۇتۇش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش. پۈتۈن ئوبلاستتىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ھەممىدە مۇقىملىقنى چۆرىدەش، ھەممىدە مۇقىملىققا مۇلازىمەت قىلىشقا بويسۇنۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئېتىشتىكى تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، پىكىر يولىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاكتىپ، تەشەببۇسكار، ياراملىق بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەدبىرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مۇقىملىق خىزمىتىنى ئەمەلىي، ئىنچىكە، جايىدا تۇتۇشى كېرەك. ئاممىۋى خىزمەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى ياخشى ئىشلەپ، بارلىق ئاماللار بىلەن ئاممىنى غەم – ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كادىرلارنىڭ ئائىلىلەردە تۇرۇشى توغرىسىدىكى ‹‹ئىككىدە تولۇق قاپلاش›› تەلىپى بويىچە، كادىرلارنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىشى، ئائىلىلەردە تۇرۇشىنى ئىنچىكە تەشكىللەپ، ئاممىۋى تەشۋىق – تەربىيە، روھىي جەھەتتىن يېتەكلەش، نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى يۈز تۇرا ياخشى ئىشلىشى كېرەك. كادىرلارنىڭ ئائىلىلەردە تۇرۇشىنى ئەلرايىنى ئۇتۇش ۋە مۇجەسسەملەشنىڭ قاتتىق ئىنتىزامى، قاتتىق تەدبىرى قىلىپ، ھېسسىيات ۋە كۈچنى بېغىشلاپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەتنى ھەقىقىي يوسۇندا ئائىلىلەرگىچە، ئاممىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈشكىچە ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك.

  جۇ خەيلۈن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش نىشاننى چۆرىدەپ، نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرمەيدىغان، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرمەيدىغان ئادەم ۋە ئىشلارنىڭ بولۇشىغا، پارتىيەگە سادىق بولمايدىغان، سەمىمىي بولمايدىغان، دېگىنى بىلەن قىلغىنى ئوخشاش بولمايدىغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ بولۇشىغا قەتئىي يول قويماي، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلماسلىق، ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ كۆرۈلۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، قاتتىق جازالاش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى