تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

 باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر سوئالىغا جاۋاب بېرىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى 

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3 – ئاينىڭ 5 – كۈنى چۈشتىن كېيىن 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىدىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئىنتايىن يېقىنلىق ۋە ئىللىقلىق ھېس قىلدى، ئىلھاملاندى ۋە روھلاندى. كۆپچىلىك بەس – بەستە مۇنداق دېيىشتى: باش شۇجىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ خىزمەتلىرىگە بەرگەن ئېنىق يوليورۇقى بولۇپلا قالماي، يەنە ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ خىزمىتىدىكى ئىلمىي كۆرسەتمە ۋە تۈپ قوللانما ھېسابلىنىدۇ، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە چېگرا رايونلارنى مۇقىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋر تەرەققىياتىنىڭ سوئالىغا يېڭى جاۋاب بېرىمىز.

  ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز

  پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن ھاكىمى ۋاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئىلمىي يېتەكچىسى. بىز يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان ئاممىنى يۆلەشتە بىرىنىمۇ قالدۇرۇپ قويماسلىققا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

  مارالبېشى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خې چياڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ سۆزى ئىنتايىن قاراتمىلىققا ئىگە. بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەمتەر بولۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت قىلىمىز.

  مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، قابا ناھىيەسىنىڭ سارتام يېزىسى كۇرمىش كەنتىدىكى نۇرلان سۇلايمان مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، يېزا – كەنت، چارۋىچىلىق رايونلىرى كەسىپلىرى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان بولۇش، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ يۇرت – ماكانىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى قۇرۇپ چىقىشنى تەكىتلىدى. باش شۇجىنىڭ سۆزىدىن ناھايىتى ئىلھاملاندىم. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ ئالدىن بېيىغانلاردىن بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوقۇم كەنتتىكىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا تىرىشىپ يېتەكلەيمەن.

  چاقىلىق ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سۇڭ شۆبىن مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى يۆنىلىشىمىزنى كۆرسىتىپ بەردى. بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋر تەرەققىياتىنىڭ سوئالىغا يېڭى جاۋاب بېرىمىز. بۇ يىل بىز ‹‹يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى ئون چوڭ ھەرىكەتنى كۈچەيتىش››نى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە كەسىپلەرنى بىرىكتۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى مۇستەھكەملەش، چىلانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك باقمىچىلىق قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلارنى مۇقىم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمىز.

  كېرىيە ناھىيەسىدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق 218 ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتى پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنى ئايرىم – ئايرىم ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنى مەركەزلىك ئۆگىنىشكە، ئۆزلەشتۈرۈشكە تەشكىللىدى، بۇنىڭغا 25 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. كېرىيە ناھىيەلىك يەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ قارقى يېزىسى يانتاققاش كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت›› بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى بەس – بەستە مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئېغىر نامرات كەنتلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىمىز.

  ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز

  يېڭىشەھەر ناھىيەسى يېڭىشەھەر بازىرىدىكى ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىق كەسپىي ئائىلىسىنىڭ باشلىقى جۇڭ داۋبىن مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ سۆزى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئاز سانلىق مىللەت ئاممىغا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. ھازىر كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، باش شۇجىغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا چىن كۆڭلىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىدىكى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق بەرپا قىلىمىز.

  تۇرپان شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ كادىرى، پىچان ناھىيەسىنىڭ پىچان بازىرى بىنشا مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ ۋېيجۈن مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەقىل – پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى مۇجەسسەملەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەسسە قوشىمىز.

   قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى گۈلشات شىرئەلى مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى ئورتاق قوغداپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق بەرپا قىلىمىز.

  ( چېن چېن، خەن چىنيەن، شيا چىڭ، جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز جاڭ فا، جاڭ شۇخۇا، چېن ۋەنلۇ، ۋاڭ ئېرلى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى