تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى قاراپ چىقتى

  چېن چۈەنگو، ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ سۆز قىلدى

  ياۋ تۇڭ، لى ياڭ، شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 3 – ئاينىڭ 7 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ئومۇمىي يىغىن، گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى(لايىھە)››نى قاراپ چىقتى.

  شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتنىشىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

  ۋەكىل چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن ۋە قەتئىي ھىمايە قىلىمەن. ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ـــ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىيىتى ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان مۇھىم قارارى، شۇنداقلا دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور تەدبىرى، ئۇنىڭدا پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ يۈكسەك بىردەكلىكى نامايان قىلىنغان، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە كۈچلۈك ساداسى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بۇ، مۇقەررەر ھالدا يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈش ـــ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئورتاق ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە؛ ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ــــ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى›› ئىكەنلىكىنى ئاساسىي قانۇننىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈش پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىشىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى تۈپ تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ باشتىن – ئاخىر توغرا يولنى بويلاپ، ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغۇسى؛ دۆلەت رەئىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش جەھەتتىكى بەلگىلىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشقا پايدىلىق، دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە پايدىلىق، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە تۈزۈم ئەۋزەللىكىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى؛ رېۋىزىيە كومىتېتىغا ئالاقىدار تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى كۆپەيتىش ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى نامايان قىلدى. شىنجاڭ ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ۋەكىل ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇن ــــ دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ـــ دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىيىتى، ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان زور قارارى، شۇنداقلا دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور تەدبىرى. ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكى تولۇق نامايان قىلىندى، بۇ، ئاساسىي قانۇننىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، مۇكەممەل تەرەققىي قىلىشى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنى ۋە نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، مۇتلەق سادىق بولۇش، يادرونى قوغداشنى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش جەريانىدا ھەقىقىي نامايان قىلىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمىسىنى قانۇن، تەرتىپ بويىچە قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  ۋەكىل شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ناھايىتى روشەن نامايان قىلىندى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى نامايان قىلىندى، ئاساسىي قانۇننىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، مۇكەممەل تەرەققىي قىلىشىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىندى، مەن بۇنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچى ئورنىنى قوغداپ، ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنىڭ تۈپ چوڭ قانۇنى بولۇشتەك قانۇن نوپۇزىنى قوغداپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلىرىگە ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ۋەكىل شاۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ــــ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىيىتى، ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ چىقارغان زور تەدبىرى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور تەدبىر بولۇپ، بۇ دەۋرنىڭ مۇقەررەرلىكى، ئەمەلىيەتنىڭ زۆرۈرلۈكى، قانۇنچىللىقنىڭ ئېھتىياجى، كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى، مەن بۇنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننى پائالىيەت مىزانى قىلىپ، ئاساسىي قانۇنغا ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ، ئاساسىي قانۇننى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىدۇ.

  ۋەكىل سۈن جىنلۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە پارتىيە ۋە خەلق ئەمەلىيەت داۋامىدا قولغا كەلتۈرگەن زور نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلدى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ يېڭى دەۋردە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. دۆلەت رەئىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش جەھەتتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە كۈچلۈك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشقا، دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق. مەن ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن، قەتئىي ھىمايە قىلىمەن. بىڭتۈەن ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

  ليۇ خەيشىڭ، مۇقىيات جارمۇقەممەت، نىياز ھاشىم، جوۋ شۈيۇڭ، فاتىمە، سۈي جيۇشيۇ قاتارلىق ۋەكىللەر ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدىغانلىقى، قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆپچىلىك مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇننىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى زور رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇنغا مۇۋاپىق تۈزىتىش كىرگۈزۈش زۆرۈر. ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن زور نەزەرىيەۋى قاراش ۋە زور فاڭجېن – سىياسەتلەرنى دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىغا كىرگۈزۈش پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى يېڭى نەتىجە، يېڭى تەجرىبە، يېڭى تەلەپنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

   مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىدىن نەيىم ياسىن، شى داگاڭ، لى ۋېي، ما شۆجۈن، لو دۇڭچۈەن، پېڭ جيارۈي، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەسقەت كەرىمباي يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.