1. قاشتاش ئۇزۇم: بۇ بىر خىل كۆكۈچ يېشىل رەڭدىكى پەنجە شەكىللىك گۈل، بۇ گۈلنى پەقەت فىلىپپىندىلا كۆرگىلى بولىدۇ. ئەمما، فىلىپپىندا دەل-دەرەخلەرنىڭ كېسىلىشىگە ئەگىشىپ، بۇ خىل گۈلمۇ كەم ئۇچرايدىغان گۈل بولۇپ قالغان.
2. شاتۇت ئېغىزى گۈلى: شاتۇت ئېغىزى گۈلى ئىلگىرى كانارى تاقىم ئارىلىدا ئۆسكەن بولۇپ، 1884-يىلىدىن كېيىن نەسلى قۇرۇپ كەتكەن.
3. قۇرغاق قار لەيلىسى: ھەدىدىن زىيادە گۈزەل شەيتان گۈل، دەپ تەرىپلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆسىدۇ. «ھاياتلىق دەۋرى يەتتە يىل، ئوت كەتكەندىن كېيىنمۇ تىرىلىدۇ» دېگەندەك سۆزلەر بۇ گۈلگە تېخىمۇ سىرلىق تۈس قوشقان.
4. ئەرۋاھ كەترەن: بۇ خىل گۈل كۇبا ۋە ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان گۈل بولۇپ، سۈنئىي ئۆستۈرۈش ناھايىتى قىيىن. ئۇنىڭ يوپۇرمىقى بولمايدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ كەم ئۇچراشتىكى سەۋەبلىرىنىڭ بىرى.
5. ئۇدۇمبارا گۈلى: بۇ خىل گۈل 3000 يىلدا بىر ئېچىلىدۇ، گۈل ئېچىلغان ھامان مىۋە باغلايدۇ، دەپ خاتىرە قالدۇرۇلغان.