تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   دۆلەت ۋە مىللەت

ئامېرىكىلىق ئەر-ئايال بىرلا ۋاقىتتا توققۇز بالىنى بېقىۋالدى

  يەرشارى تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا» گېزىتىنىڭ 3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى بىر جۈپ ئەر-ئايال ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىر ئائىلىدىكى توققۇز بالىنى بېقىۋالغان. ئۇلار بۇ ئارقىلىق بۇ قېرىنداشلارنىڭ ئايرىلماي، بىرگە چوڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئويلىغان.

 بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن پېگگىنىڭ يولدىشى جاكوب بىر كۈنى ئالاقە تورىدىن بۇ بالىلارنى بېقىۋېلىش ئېلانىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلغان. جاكوبنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىلگىرىمۇ بىر قىز بېقىۋالغان بولۇپ، بۇ قېتىممۇ جاكوبلارغا ياردەملىشىپ، بۇ بالىلارنى بېقىشىپ بەرمەكچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ بىر جۈپ ياش ئەر-ئايال 9 بالا ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك تۆتىنى، ئاتا-ئانىسى يېشى چوڭراق بەشىنى بېقىشنى قارار قىلغان. جاكوبنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ جاكوبلار بىلەن بىر مەھەللىدە تۇرىدىغان بولغاچقا، بالىلار ھەر دائىم كۆرۈشۈپ تۇرالايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • گېرمانىيە كوماندىسى شىۋېتسىيە كوماندىسىنى يەڭدى
  • باركۆل ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان جايغا ئايلاندى
  • ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئېكسپېدىتسىيە ساياھەت مەنزىلگاھى بولۇپ باھالاندى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى