تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

شايار دېھقانلىرى چۆللۈكتىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى

   ئىختىيارى مۇخبىرىمىز پەرھات مىجىت، تۇرسۇنئاي مەمتېلى خەۋىرى: شايار ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دېھقانلارنى توشقان زەدىكى كەسپىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئاكتىپ يېتەكلەپ، قۇملۇق مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەرلىك دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىلەن ئېكىلوگىيەلىك ئۈنۈمدە قوش ھوسۇل ئېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى . 

   شايار ناھيىەسى تارىم دەرياسى بويىدا توشقان زەدىكى ئۆستۈرۈپ ئۇتۇق قازىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چۆللۈكتىن پايدىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن يېڭى يول ئېچىپ بەردى ھەم كۆپچىلىكنىڭ باي بولۇش ئىشەنچىسىگە ئىلھام بەردى .

  توشقان زەدىكى قۇم بارخانلىرى ئارىسىدىكى سۆكسۆكنىڭ يىلتىز قىسىمىدا ئۆسىدىغان بولۇپ، توشقان زەدىكى سېتىپ كىرىمنى كۆپەيتىش ۋە سۆكسۆك بىلەن قۇم-بوراننى تىزگىنلەش، سۇ تېجەش، كۆكەرتىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت قوش ئۈنۈمنى ياراتقىلى بولىدۇ.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شايار ناھىيەسى قۇمنى تىزگىنلەش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇپ، قۇملۇق ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى قۇملۇقتىكى كەسىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قۇم-بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، ئېكىلوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئورمانچىلىقتا ئۈنۈمنى كۆپەيتىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى . ھازىر، ناھىيە بويىچە سۆكسۆك ئۆستۈرۈش كۆلىمى 2000 مو، ئۆستۈرۈلگەن توشقان زەدىكى كۆلىمى 2000 مو، مو بېشى بىرلىك مەھسۇلاتى 100 كىلوگرامدىن 200 كىلوگرامغىچە بولۇپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 30 مىليوندىن ئاشتى .

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى