يېقىندا، مېكسىكىنىڭ گۇئادالاجارادا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ئۈنۈم گىرىمچىكىنىڭ يۇقىرى گىرىم قىلىش ماھارىتى ۋە ئوبراز يارىتىش تالانتى بىلەن كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدىكى ھەر خىل ئوبرازلارنى تەقلىد قىلغان ۋىدىيوسى توردا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن يىگىت جوسې داۋالوس بىر ئالاھىدە ئۈنۈم سەنئەتكارى ئىكەن، شۇنداقلا يەنە كىنو-تېلېۋىزىيەدىكى ئوبرازلارنى دوراشتا ئاجايىپ تالانتقا ئىگە ئىكەن، ئۇ يېقىندا تورغا چىقارغان ۋىدىيوسىدا يەنە تېخى «كارىب دېڭىز قاراقچىسى» فىلىمىدىكى سىياھ بېلىق جونس كاپىتاننى دورىغان، ئۈچ كۈندە مەزكۇر ۋىدىيونىڭ چېكىلىش سانى 100 مىڭدىن ئاشقان. ئۇنىڭ مەستانىلىرى ئۇنىڭ بۇ تالانتىغا ئاپرىن ئوقىغان ھەمدە ئۇنى «ھەقىقەتەن بىر ئۇستا سەنئەتكار» دەپ تەرىپلىگەن.