تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

بالىڭىزنىڭ ساغرىسىغا ئۇرماڭ

ماتېرىيال سۈرەت

    نېمىشقا بالىلارنىڭ ساغرىسىغا ئۇرسا بولمايدۇ؟ ساغرىسىغا ئۇرۇش بالىلارغا جىسمانىي جەھەتتىن زىيانلىق بولۇپلا قالماي، يەنە بالىلارنىڭ ئەقلىي ۋە پىسخىكا ساغلاملىقىغىمۇ زىيانلىق.

    1. بالىنىڭ ساغرىسىغا قاتتىق ئۇرۇۋەتكەندە سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن

    ئائىلە باشلىقلىرى بالىسىنىڭ ساغرىسىغا قاتتىق ئۇرسا، ساغرا مۇسكۇللىرى قانلىق ئىششىپ، قان ئايلىنىش راۋان بولماي، نىكروزلىنىش خاراكتېرلىك ياللۇغ پەيدا بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭدىن باشقا، بالىنىڭ ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسىنى زەخمىلەندۈرۈپ، پۇتى ئۇيۇشۇش، ھەتتا پالەچ بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.  

    بالىنىڭ ساغرىسى بۆرەك ئورنىغا يېقىن بولىدۇ، ئەگەر ئائىلە باشلىقلىرى بالىنىڭ ساغرىسىغا ئۇرغاندا ئۈستى تەرەپكە ئۇرۇپلا قالسا ئۇنداقتا بالىنىڭ بۆرىكىنى زەخمىلەندۈرۈپ قويىدۇ. 

    ئادەم بەدىنىنىڭ مېڭە توقۇلمىلىرى باش سۆڭەك بوشلۇقىدا بولىدۇ، باش سۆڭىكى ھالقىسىمان ئومۇرتقا ئارقىلىق ئادەمنىڭ گەجگە سۆڭەك بوغۇمى بىلەن ئۇلىنىدۇ. ئەگەر ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىنى بەك كۈچەپ ئۇرۇۋەتسە بالىنىڭ ساغرا قىسىمى تۇيۇقسىز زەربىگە ئۇچراپ، گەجگە سۆڭەك بوغۇمى ئارقىلىق ھالقىسىمان ئومۇرتقىغا بېرىپ، باش سۆڭەك شەكلى ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مېڭىنى زەخمىلەندۈرۈشى مۇمكىن. 

    ئەگەر ئوغۇل بالىنى كارىۋاتتا دۈم ياتقۇزۇپ ياكى تايىنىشقا بولىدىغان باشقا نەرسە ئۈستىگە قويۇپ ساغرىسىغا ئۇرسا، كارىۋات يېنى، ياكى تايانغان نەرسىلەر سەۋەبىدىن ئۇرۇقدىنى زەخمىلىنىشى مۇمكىن، بۇنىڭدا ئۇرۇقدان قانلىق ئىششىپ قالىدۇ ياكى زەخمىگە ئۇچرايدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    2. دائىم بالىلارنىڭ ساغرىسىغا ئۇرسا ئەقلىي ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن

    دائىم بالىنىڭ ساغرىسىغا ئۇرسا، ياكى باشقا تەن جازاسى بەرسە بالىنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

    2010-يىلى ئامېرىكىلىق جازالاش ۋە ئائىلە زوراۋانلىقى مۇتەخەسسىسى  1510 بالىغا چېتىشلىق بولغان، تۆت يىل داۋاملاشقان تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئىككى ياشتىن تۆت ياشقىچە بولغان 806 بالا ئىچىدە تەن جازاسىغا ئۇچرىمىغان بالىلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىنىڭ ئوتتۇرىچە سانى تاياق يەيدىغان بالىلارنىڭكىدىن بەش نومۇر يۇقىرى چىققان، بەش ياشتىن توققۇز ياشقىچە بولغان 704 بالا ئىچىدە بۇ پەرق 2.8 نومۇر بولغان. 

    3. دائىم بالىنىڭ ساغرىسىغا ئۇرغاندا پىسخىكا ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن

    ئائىلە باشلىقلىرى دائىم بالىلىرىنىڭ ساغرىسىغا ئۇرسا بالىلاردا قارىمۇقارشى پىسخىكا شەكىللىنىپ قېلىشى، ھەتتاكى ئاتا-ئانىسىنىڭ قىلمىشىنى دوراپ، مەسىلىلەرنى زوراۋانلىق ۋاسىتىسى بىلەن ھەل قىلىدىغان بولۇپ قېلىشى, ياكى بولمىسا بالىنى ئاجىز، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان قىلىپ قويۇشى مۇمكىن.

ماتېرىيال سۈرەت

    كانادا مانىتوبا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شەرقىي ئونتارىئو ئۆلكىلىك بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ بىر تۈرلۈك ئورتاق تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، بالىلارنىڭ ساغرىسىغا ئۇرغاندا، يۇقىرى ئاۋازدا تىللىغاندا، ياكى كۈچەپ سىلكىگەندە بالىلاردا ئاسانلا باشقىلارغا نىسبەتەن دۈشمەنلىك قاراش پەيدا بولۇپ قالىدىكەن، چوڭ بولغاندىن كېيىن ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە قېرىنداشلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى ۋە كەلگۈسىدىكى ھەمراھىغا ئاسانلا قوپال تېگىدىغان بولۇپ قالىدىكەن.

    ئۇنىڭ ئۈستىگە، بالىلارنىڭ ساغرىسىغا ئۇرۇشتەك تەن جازاسى بېرىش ئۇسۇللىرى بالىنىڭ غۇرۇرىغا تېگىپ، بالا ۋە ئاتا-ئانا ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنچىلىق مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزۈشى، ھەتتا ئاتا-ئانىلار بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈلۈك ئايرىلىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى