3-ئاينىڭ 6–كۈنى، كۇيبا يېزىسىنىڭ جىگدىجاي كەنتىدىكى ياسىن ماڭسۇر قويلارغا يەم بەرمەكتە
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى: پوسكام ناھىيەسى بۇ يىل دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى كىرىمىنى 12 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، يىل كىرىشى بىلەنلا دېھقانلارنى چارۋا باقمىچىلىقى ۋە باغ-ئورمانچىلىققا يېتەكلەپ، باقمىچى ئائىلىلەرگە ھەقسىز قوتان ئورنى بېرىش، قوتان سالسا، ئۆزگەرتسە تولۇقلىما بېرىش، باغ-ئورمانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى يەر، سۇ، مەبلەغ، تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى ئالدىن تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە 3-ئاينىڭ باشلىرىغىچە ناھىيە بويىچە چارۋا-مال، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى باغۋەنچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 200دىن، باقمىچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك چوڭ ئائىلىسى 400دىن، چارۋا مال 420 مىڭ تۇياقتىن ئاشتى.