ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ باغچىسى خادىمى دەرەخ شاخلىرىنىڭ بىخلىنىشىغا توسالغۇ بولماسلىقى ئۈچۈن، قىشلىق بېزەلگەن سۈنئىي مېيخۇاگۈلى شاخلىرىنى چۇۋۇماقتا.
مۇخبىرىمىز جاۋ زىشۈەن، پىراكتىكا مۇخبىرىمىز جياۋ بەيخۇي خەۋىرى، فوتوسى: «ئۈچىنچى چىللە ئۆتۈپ، شاپتۇل چېچەكلىدى»، ھاۋا كۈندىن-كۈنگە ئىللىشقا باشلىدى. «جۇڭگو ئاسترونومىيە يىلنامىسى» دا كۆرسىتىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 23:28 ئۆتكەندە دېھقانلار كالېندارى بويىچە 24 مەۋسۇم ئىچىدىكى «جاندارلارنىڭ ئويغىنىشى» بولۇپ، بۇ «توققۇزىنچى چىللە» نىڭ ئىككىنچى كۈنى ھېسابلىنىدىكەن.
«جاندارلارنىڭ ئويغىنىشى»دا ھاۋا بىردەم سوۋۇپ، بىردەم ئىللىيدۇ، مېتېئورولوگىيە ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ مەزگىلدە ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمال، غەربىي شىمال رايونلىرىدا قىشلىق مەنزىرە كۆرۈلگەندىن سىرت، كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى نۆل سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدىكەن.
دېھقانچىلىققا ئائىت ماقال-تەمسىللەردە مۇنداق دېيىلگەن: «جاندارلار ئويغانغاندىن كېيىن، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ». بۇ ۋاقىتتا شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ پەسىلىگە كىرىدۇ، دېھقانلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىدۇ.
قار-مۇزلار كۈندىن-كۈنگە ئېرىۋاتقان ئۈرۈمچى شەھىرىدە قۇياش ئىللىق نۇرىنى چاچتى، شەھەر ئاھالىلىرى كوچىغا چىقىپ ئۆز ئۇسۇلىدا «جاندارلارنىڭ ئويغىنىشى» مەۋسۇمىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈۋالدى.