تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىمىز

  دۇڭ شاۋخۇا، شى شىن، يۈەن لېي، ما يىنىڭ

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017 – يىلى 3 – ئاينىڭ 10 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي جەڭگاھى قىلىپ، يېزىلاردىكى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ۋە چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى، شەھەر – بازارلاردىكى كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، يېزا – قىشلاقلار ۋە چېگرا رايونلارنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك.

  بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى زور سىياسىي ۋەزىپە ۋە خەلق تۇرمۇشىدىكى بىرىنچى قۇرۇلۇش قىلىپ، تېخىمۇ مەركەزلىك قوللاپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكە ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە باسقۇچلۇق ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 – ئاينىڭ 5 – كۈنى چۈشتىن كېيىن 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىدا ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش، نامراتلار مەركەزلەشكەن يېزا – كەنتلەردە نامراتلىقنى تۈگىتىش ئاچقۇچ ھېسابلىنىدۇ. باش شۇجىنىڭ بۇ مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى جياڭ پىڭئەن: ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى نۇقتىلىق ياخشى قىلىمىز

  جياڭ پىڭئەن مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىزگە تاپشۇرغان مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش – ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىمىز.

  جياڭ پىڭئەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، مەيلى ئۇ 2015 – يىلى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرغان چاغلاردا بولسۇن ياكى بۇ ئىككى يىلدا ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە قاتناشقاندا بولسۇن، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم نۇرغۇن تەكلىپ – پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  جياڭ پىڭئەن مۇنداق دېدى: كەنتتە تۇرۇپ خىزمەت قىلغان بىر يىلدا، يېزىلارنىڭ ئەھۋالىنى ھەقىقىي چۈشەندىم. ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، ‹‹يەتتە بىر تۈركۈم››، ‹‹ئۈچتە سالماقنى زورايتىش››نى زىچ چۆرىدەپ، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇش كېرەك.

  بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق كەنتلەرگە ياردەم بەردى، كىيىم – كېچەك زاۋۇتى، باقمىچىلىق ۋە باغ – ئورمانچىلىق تېخنىكىسى مۇلازىمەت پونكىتى، ‹‹مۇتەخەسسىسلەر ھويلىسى››... نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ يىل يەنە 105 كادىرنى ئاۋات، كېرىيە، يېڭىشەھەر ناھىيەلىرىدىكى كەنتتە تۇرۇش نۇقتىلىرىغا كەنتتە تۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتتى.

  جياڭ پىڭئەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىدا ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، ‹‹ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇش كېرەك›› دەپ تەكىتلىدى. بۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىزدىكى مۇھىم يوليورۇق، بۇنى جەزمەن قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  جياڭ پىڭئەن مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك يول، شۇنداقلا قەلب – كۈچنى مۇجەسسەملەشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىدىكى ئىنتىزام ئىجراسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتقاندا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى كۈچلۈك نازارەتچىلىك كاپالىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى جاڭ شىن: نامراتلارنى كەسىپ ئارقىلىق يۆلەپ، نامراتلىقنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈگىتىمىز

  جاڭ شىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي جەڭگاھى قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى خوتەن شەھىرىنىڭ يۇرۇڭقاش بازىرى ئالتىلە كەنتى ۋە قېرىقئېرىق كەنتىگە ئىزچىل نۇقتىلىق ياردەم بېرىۋاتىدۇ.

  جاڭ شىن يەنە مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىدا ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، ‹‹ھەم كۆز ئالدىمىزدىكى مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشىمىز، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تېخىمۇ شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك›› دەپ تەكىتلىدى، مانا بۇ بىزنىڭ تىرىشىش نىشانىمىز.

  ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى نەق مەيداننى كۆرۈش، كەڭ دائىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، نامراتلارنى يۆلەش بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش، پىكىر ئېلىش ئارقىلىق ئىككى كەنتتىكى نامرات كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئەنجۈر كۆچىتى تىكىش ۋە ياغچىلىق دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش تۈرىنى دەل ئوتتۇرىغا قويۇپ، نامراتلارنى يۆلەش رامكا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئېچىش، قان ئىشلەپچىقىرىش شەكلىدە نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ‹‹ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەش››نى ئىشقا ئاشۇردى.

  جاڭ شىن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، بىز 10 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، خوتەندە نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس فوندى تەسىس قىلىپ، فوند شەكلىدە خوتەن شەھىرىدىكى يەرلىك كارخانىلارغا مەبلەغ سېلىپ، كارخانا كاپىتالى بىلەن رايون بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش مەبلىغى بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق. فوندتىن ئالغان پايدا ئاساسلىقى كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىش ۋە ئىككى كەنتتىكى ياشانغانلار، ئاجىزلار، ئاغرىقلار، مېيىپلەرنى يۆلەش قاتارلىق ئىجتىمائىي ئاساسنى پۇختىلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

  جاڭ شىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل يەنە كۆپ يول، كۆپ شەكىل ئارقىلىق كارخانىلاردىكى ئىش ئورۇنلىرىنى قېزىپ چىقىپ، نامرات ئائىلىدىكى 200 – 300 گىچە كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەشتە ئۇلارنىڭ ئىرادە تىكلىشىگە ياردەم بېرىش بىلەن ئەقلىي جەھەتتە ياردەم بېرىشنى بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈشنى پىلانلىدۇق.

  مەكىت ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋېن فۇلەي: كۆپنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز

  مەكىت ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋېن فۇلەي مۇنداق دېدى: بۇلتۇر مەكىت ناھىيەسى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇردى، كۆپنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، دىققەتنى ‹‹ئىككىدە غەم قىلمايدىغان قىلىش، ئۈچتە كاپالەتكە ئىگە قىلىش›› ۋە ‹‹ئۈچنى راۋانلاشتۇرۇش، ئالتە بولۇش›› نىشانىغا مەركەزلەشتۈردى، تۈزۈم كاپالىتى تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن 122نى يولغا قويۇپ، 3379 ئائىلە، 13مىڭ 329 نامراتنى نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇپ، بەش ئېغىر نامرات كەنت، ئۈچ نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامراتلىشىپ كېتىش نىسبىتىنى %6.7 تۆۋەنلەتتى.

  مەكىت ناھىيەسى 2017 – يىلى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا – كەنتلەرنى ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئۈلگە ناھىيە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى تاماملاپ، سەھرا ئارامگاھى، ئىستىراھەت، سەيلە – ساياھەت يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق يېزا – كەنت ساياھەت تۈرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. ھازىر، يېزا – كەنتلەردە ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرى 100 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە، 400 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولدى.

   ۋېن فۇلەي مۇنداق دېدى: بۇ يىل دىققەتنى ‹‹كىم يۆلەش››، ‹‹قانداق يۆلەش››، ‹‹يۆلىيەلمىسە قانداق قىلىش›› دېگەندەك مەسىلىلەرگە قارىتىپ، قىيىن نۇقتىغا ھۇجۇم قىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز. يەرنى ئېنىقلاپ قايتا تەقسىم قىلىش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېكولوگىيەنى باشقۇرۇش – قوغداش، ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق ئاساسنى پۇختىلاش قاتارلىقلار ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ كاپالىتى، داۋالىنىش كاپالىتى، تۇرالغۇ بىخەتەرلىك كاپالىتى، جامائەت مۇلازىمىتى كاپالىتى قاتارلىقلارنى كۈچەيتىپ، نامرات ئاممىنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغايمىز، كاللىسىنى ئۆتكۈر، پۇت – قولىنى چاققان قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى