تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

ئەر-خوتۇننىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى نىكاھنىڭ تېخىمۇ كۆڭۈللۈك بولۇشىنىڭ ئاساسى

     نىكاھنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش-بولماسلىقى ئاساسلىقى ئەر-خوتۇننىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشىغا باغلىق. نۇرغۇن ئەر-خوتۇننىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈللۈك بولماسلىقى، ھەتتا ئاجرىشىپ كېتىشى پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىدىندۇر.

    ئۇنداقتا، قانداق پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك؟

    بىرىنچى، سەمىمىي پوزىتسىيەدە بىر-بىرى بىلەن مەسلىھەت قىلىش كېرەك. ئۆينى ئىككى ئادەم تۇتقانىكەن، ئورتاق مەنپەئەتنى كۆزلەش، ئالاھىدە جىددىي ئەھۋال بولمىسىلا، ئۆي ئىشلىرىنى ئەر-خوتۇن مەسلىھەتلىشىپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

    ئىككىنچى، گەپ سۆزدە سىلىق-سىپايە بولۇش كېرەك. بەزىدە پوزىتسىيەنىڭ قانداق بولۇشى سۆزنىڭ مەزمۇنىدىنمۇ مۇھىم بولىدۇ، پىكىر بىردەك بولمىغان ۋاقىتتا، گەپ-سۆز سىلىق-سىپايە بولسا، قارشى تەرەپمۇ ئاسان قوبۇل قىلىدۇ.

    ئۈچىنچى، قارشى تەرەپنى ماختاش ۋە مەدھىيەلەش كېرەك. ئادەتتىكى ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىدىمۇ قارشى تەرەپنى كۆپرەك مۇئەييەنلەشتۈرۈش، كۆپ ماختاش، ئاز ئەيىبلەش، ئاز تەنقىد قىلىش كېرەك.

    تۆتىنچى، ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش. ئانچە-مۇنچە تەگىشىشنىڭ يىغىلىپ چوڭ زىددىيەتكە ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. زىددىيەتسىز ئائىلە بولمايدۇ، مۇھىمى ئۇنى قانداق ھەل قىلىشتا. ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا تۈپ مەنپەئەت توقۇنۇشى بولمايدۇ، نوچىلىق قىلىپ تالىشىشنىڭ ھاجىتى يوق. مەن بىلەن كارىڭ بولمىدى، دەپ تالاشماي، ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىپ، قارشى تەرەپكە يول قويۇپ، قارشى تەرەپنى چىن دىلىمىزدىن قايىل قىلىشىمىز كېرەك.

    مىجەز-خۇلقى ئوخشاشمايدىغان قىز-يىگىت ئائىلە قۇرغانىكەن، ئورتاق تىرىشسىلا ئۆز ئائىلىسىگە ماس كېلىدىغان ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقالايدۇ، نىكاھمۇ چوقۇم بەختلىك بولىدۇ.

                                                                                                                                                           «گۈزەل ئايال، بەختلىك ئائىلە» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك كىتابتىن ئېلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى