تەڭرىتاغ تورى   ›   سۈرەت

قەشقەر شەھىرىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»غا يېقىندىن دىققەت قىلدى

قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى كادىرلار توردىن ئىككى يىغىن ئەھۋالىنى كۆرمەكتە.

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا، ئەسقەرجان تۇرسۇن خەۋىرى، فوتوسى: 2018-يىللىق مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» بېيجىڭدا ئېچىلدى. قەشقەر شەھىرىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما گېزىت، رادىيو، تېلېۋىزور، تور قاتارلىق تاراتقۇلار ئارقىلىق يىغىننىڭ غەلىبىلىك باشلانغانلىقىنى كۆردى ۋە ئاڭلىدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بەرگەن «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس  قوزغىدى. دوكلات ئەمەلىيەتچىل، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان بولۇپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى.

   قەشقەر شەھىرى قۇمدەرۋازا كوچا باشقارمىسىنىڭ جەنۇبىي ئازادلىق يولى مەھەللىسىدىكى بارلىق كادىرلار ۋە  ئامما يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بىرلىكتە كۆردى. قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ قۇمدەرۋازا كوچا باشقارمىسى جەنۇبىي ئازادلىق يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» ئەترىتىنىڭ ئەزاسى لى لەن «ئىككى يىغىن» ئەھۋالى ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى ئاھالىلەرگە ۋاقتىدا يەتكۈزدى.

   قەشقەر شەھەرلىك تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى زۇلپىقارجان ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: ئىككى يىغىندا ئاساسىي قاتلاملارغا، خەلق تۇرمۇشىغا  كۆڭۈل بۆلۈش تەكىتلىنىپتۇ. مەن ئەتراپىمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تولۇق ھېس قىلدىم، تۇرمۇشىمىز كۈندىن كۈنگە ياخشى بولۇۋاتىدۇ، تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • گېرمانىيە كوماندىسى شىۋېتسىيە كوماندىسىنى يەڭدى
  • باركۆل ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان جايغا ئايلاندى
  • ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئېكسپېدىتسىيە ساياھەت مەنزىلگاھى بولۇپ باھالاندى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى