تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلى خەلقئارالىق ئىلغار سەۋىيە بىلەن ئاساسەن ماس قەدەمدە

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 5-كۈنى تېلېگراممىسى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرى مياۋ شۈ 3-ئاينىڭ 5-كۈنى «خەلق» سارىيىدىكى «مىنىستىرلار كارىدورى» دا مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ئاپتوموبىلى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيە بىلەن ئاساسەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدى، ئۇدا ئۈچ يىللىق سېتىش مىقدارى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى ئومۇملاشتۇرۇش ئومۇمىي مىقدارى 1 مىليون 800 مىڭدىن ئاشتى.

  مياۋ شۈ مۇنداق دېدى: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تېخنىكا سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلىدى. 2017-يىلى ھەرىكەتچان باتارېيەنىڭ يەككە ئىقتىدار زىچلىقى 2012-يىلىغا قارىغاندا ئىككى ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسى بىلەن خەلقئارا ئىلغار سەۋىيە ماس قەدەمدە ماڭدى. بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجېن قاتارلىق شەھەرلەردە كۆلەملەشكەن توك قاچىلاش مۇلازىمەت تورى بەرپا قىلىندى.

  ھازىر ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللىرىدا يادرولۇق تېخنىكىنى ئىگىلەش قابىلىيىتى يەنىلا يېتەرلىك بولماسلىق، ئىشلىتىش ھالقىسىدىكى ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرى يېتەرلىك بولماسلىق، يەرلىك قوغداش يەنىلا مەۋجۇت بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر بار. كېيىنكى قەدەمدە سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بۇ مەسىلىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ لايىھەلەپ، سىياسەتلەرنى جىپسىلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ ھەل قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى