شى شېن
يېڭى ئىدىيە شىنجاڭنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى يارىتىشقا يېتەكلەيدۇ
يېڭى ئىدىيە باتۇرلارچە ئالغا ئىلگىرىلەش يولىغا باشلايدۇ.
يېڭىلىق يارىتىشقا تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېغىشلاش؛ ماسلاشتۇرۇش داۋامىدا تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش؛ يېشىل بولۇش داۋامىدا تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئۇرغۇتۇش؛ ئوچۇق بولۇش داۋامىدا تەرەققىيات يولىنى كېڭەيتىش؛ ئورتاق بەھرىلىنىش داۋامىدا تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاش... 2017 – يىلىغا قارىغىنىمىزدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىدا ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى نىياز ھاشىم مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەت شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ماركسىزمى، ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. مانا مۇشۇنداق نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇۋەپپەقىيەت بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرغاندىلا، ئەمەلىيەتكە ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلغىلى، خىزمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ۋۇ گاڭ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، زور مەدىتىنى يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىزدىكى چەكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، بۇلغىنىشنى تۈزەش قاتارلىق جەھەتلەردە جاپالىق تىرىشىپ، يېڭى دەۋردە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە يارىتىپ، يېڭى سەھىپىلەرنى پۈتتى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئادالەت ئېزىز ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2017 – يىلىدا، شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تۇنجى قېتىم 1 تىرىليون يۈەندىن، پۈتۈن يىلدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 100 مىليون ئادەم (قېتىم) دىن ئاشتى... ئىقتىساد سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىپ، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلدى، تىيانشان ئوغۇل – قىزلىرى باش شۇجىدىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىن تېخىمۇ مىننەتدار بولدى، باش نىشانغا يېتىش ئىرادىسى تېخىمۇ چىڭىدى. يەڭنى تۈرۈپ تىرىشىپ ئىشلىسەك، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈم بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرسەكلا، ۋەتىنىمىز قوينىدىكى شىنجاڭ تېخىمۇ گۈزەللىشىدۇ!
يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى دادىل زىممىمىزگە ئالىمىز
‹‹ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش›› قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى تېز چېكىندۈرۈلدى، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش داۋامىدا ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى، گۈللەنمە كەسىپلەر يېتىشتۈرۈلۈش داۋامىدا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولدى، ئەۋزەل، ئۆزگىچە كەسىپلەرنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۆتكەن بىر يىلدا يېڭى پەللىدە كۈرەشكە ئاتلانغان شىنجاڭدا خۇشاللىنارلىق خەۋەرلەر كۆپلەپ تارقالدى.
بۇ يېڭى نەتىجىلەردە، دەل ‹‹يۇقىرى سۈپەتتە›› تەرەققىي قىلىش ئاچقۇچلۇق سۆز بولالايدۇ.
مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەكىللەر، ئەزالار مۇنداق دېيىشتى: يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا ئۆتۈشتۇر. يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئىش قىلىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك.
نىياز ھاشىم مۇنداق دېدى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە، پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، سودا ئوبوروتى كەسپىنىڭ كۆجۈملىشىشى ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى يىغىش – تارقىتىش مەركىزىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. ھازىر ئىككى مەركەز، ئالتە كەسىپلەر رايونىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى بېكىتىلدى؛ زامانىۋى ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلىك بايلىقلىرىنى بىرىكتۈرۈشنى تېزلىتىپ، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ، ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ مۇھىم ساياھەت مەنزىلىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.
ۋۇ گاڭ مۇنداق دېدى: بۇ بىر نەچچە يىلدا شىركەتنى يېتەكلەپ چەت ئەللەردە يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى كېڭەيتىش مۇساپىسىدە، نۇرغۇن خەلقئارا يېڭى ئېنېرگىيە يىغىنلىرىدا نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرى ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى كارخانىچىلار ۋەكىللىرىنىڭ جۇڭگونىڭ يېشىل تەرەققىيات قىممەت تەشەببۇسىغا چىن قەلبىدىن ئاپىرىن ئوقۇۋاتقانلىقىنى، جۇڭگونىڭ يېشىل تەرەققىيات مۇساپىسىدە قولغا كەلتۈرگەن يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ بەكلا ھاياجانلاندىم، پەخىرلىنىش ئىلكىدە زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم. شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە گۇرۇھى، ‹‹جىنفېڭ›› پەن – تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىغا چوقۇم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو ئەقلىي ياسىمىچىلىقىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈشى كېرەك.
ئادالەت ئېزىز مۇنداق قارىدى: ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاچقۇچ يېڭىلىق يارىتىشتا. كارخانا ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئالدى بىلەن تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك.
خەلقنى مەركەز قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرىمىز
خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىنى ئاشۇرۇش تەرەققىياتنىڭ تۈپ مەقسىتى، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى تەرەققىيات سۈپىتىنى تەكشۈرىدىغان سىناق تاش. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چوقۇم خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش جەھەتتە كۆپرەك ئىش قىلىش كېرەك.
شىنجاڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى، ئۇدا كۆپ يىل خەلق تۇرمۇشى چىقىمى ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، خەلق تۇرمۇشىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان بىر تۈركۈم قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى.
نىياز ھاشىم ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا بىر تەكلىپ ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار ئىككى تەۋسىيە ئېلىپ كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىش پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم كۆرسەتمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتتۇر. يېڭىدىن سايلانغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خەلقنىڭ مەيدانىدا، خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم، ھېسسىياتىم ۋە كۈچۈم بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۆھپە قوشىمەن.
2017 – يىلى شىنجاڭدا 317 مىڭ 400 نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدى؛ 18 مىليون 840 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولدى؛ ھەر خىل كەپىلىك مەھەللىلەردىكى 368 مىڭ يۈرۈش ئۆي ئۆزگەرتىلدى، يېزىلاردا 300 مىڭ يۈرۈش ئەمىن ئۆي سېلىندى...
ئادالەت ئېزىز مۇنداق دېدى: پۇقرالار تېخىمۇ ياخشى مائارىپ، تېخىمۇ مۇقىم خىزمەت، تېخىمۇ قانائەتلىنەرلىك كىرىم، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئىجتىمائىي كاپالەت، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى، تېخىمۇ ئازادە تۇرالغۇ شارائىتى، تېخىمۇ گۈزەل مۇھىتنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، مانا بۇ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ۋە تىرىشىش يۆنىلىشىمىز.
بارلىقىمىز خەلق ئۈچۈن! خەلقنى ھەممىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىمىز!
ۋۇ گاڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹دەۋر سوئال چىقارغۇچى، بىز ئىمتىھان بەرگۈچى، خەلق ئىمتىھان سوئالىنى تەكشۈرگۈچى›› دەپ كۆرسەتتى، خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشتا چوقۇم يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، خەلق رازى بولغۇدەك جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك.