تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىغا بولغان بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتەيلى

  — جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا(4)

  ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

  پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە پەن – مەدەنىيەت ساھەلىرىدە، ھەممە يەردە، پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا پارتىيەنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدىكى ئىسلاھات پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى، ئىدىيەنى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭدا پارتىيەنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىغا بولغان بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ سىستېما قۇرۇلۇشىنى ياخشى، چىڭ، ئەمەلىي تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

  پارتىيەنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىغا بولغان بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى تۆۋەندىكى ئۈچ قاتلامدىن چۈشىنىشكە ۋە ئىگىلەشكە بولىدۇ.

  پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ـــ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا جەزمەن ئەمەل قىلىدىغان مۇھىم پىرىنسىپ. پارتىيە ئالىي سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدىكى كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئالدى بىلەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىغا پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىنى سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئۇسۇلى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى كۆزلەش، سىياسەتنى بەلگىلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  پارتىيەنىڭ ھەر ساھە، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ـــ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىدا گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئەمەلىيەت جەريانىدا، بەزى ساھەلەردە پارتىيەنىڭ ئاپپارات تەسىس قىلىشى ۋە فۇنكسىيەنى سەپلىشى تېخى مۇكەممەل، ئۈنۈملۈك ئەمەس، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پارتىيەنىڭ مۇھىم خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەڭ دەرىجىلىك تەشكىلاتلاردىكى رەھبەرلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاپپاراتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ تەسىس قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشلاردا پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كۆزدە تۇتۇلۇپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىغا، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسەت قىلىنغان.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكى ـــ تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىستېما قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئىسلاھات. تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتا، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ھەمكارلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلار قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش، تۈرلۈك ئىسلاھاتنىڭ ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشى، بىر – بىرىنى تولۇقلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈمنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئەستايىدىل تەشكىللەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

   پارتىيە جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ تۇراقلاشقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرگەندە، پارتىيەمىز جەزمەن خەلقنىڭ ئۇلۇغ كۈرەش قىلىشى، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىشى، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تېخىمۇ ياخشى رەھبەرلىك قىلىپ، دەۋرگە، خەلققە، تارىخقا مۇناسىپ ئۆچمەس نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 3 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى