تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى يىلسېرى ياخشىلايمىز

  چېن چياڭۋېي، يۈەن لېي، جاۋ شىيا

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئەمىن تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان بەزى تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان بەزى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان بەزى مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

  خەلق تۇرمۇشى ئەلرايىغا چېتىلىدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قەلبىدە چىڭ ساقلايدۇ. خەلقنىڭ ئارزۇسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نىشانىدۇر. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات جەريانىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا مۇناسىۋەتلىك خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى قىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. ھەر مىللەت ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭغا چىن كۆڭلىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا ئالاھىدە كۆيۈنگەنلىكىگە، كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە ۋە غەمخورلۇق قىلغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى مىن شياۋچىڭ: يېزا مەكتەپلىرىنىڭ قىياپىتى يېڭىلاندى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، چۆچەك شەھىرى ئەرگۇڭ بازارلىق مەركىزىي مەكتەپنىڭ مۇدىرى مىن شياۋچىڭ مۇنداق دېدى: خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. مەكتەپتىكى ئۆزگىرىشلەر، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىش بۇ تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.

  مىن شياۋچىڭ 2011 – يىلى ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ قىسقىغىنا بىرقانچە يىلدا مەكتەپ ئەتراپىدىكى توپا يوللارنىڭ قاتتىقلاشتۇرۇلغانلىقىنى، مەكتەپنىڭ توپا – چاڭ ئۆرلەپ تۇرىدىغان مەيدانىنىڭ زامانىۋى ئۆلچەملىك مەيدانغا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى.

  مىن شياۋچىڭ مۇنداق دېدى: مەكتىپىمىز شەھەر بىلەن يېزا تۇتاشقان جايدا بولۇپ، ھازىر 230دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى بار، بۇنىڭ ئىچىدە %80تىن كۆپرەكى سىرتتىن كەلگەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى. ئىلگىرى مەكتەپتە بىرلا ئوقۇتۇش بىناسى بولۇپ، يەتتە سىنىپلا بار ئىدى، بوش سىنىپ بولمىغاچقا، زامانىۋىلاشقان مۇزىكا دەرسخانىسى، گۈزەل سەنئەت دەرسخانىسى، كۇتۇپخانا قاتارلىق توققۇز ئىقتىدارلىق دەرسخانىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايتتى.

  بۇ ئەھۋال 2017 – يىلى ياخشىلاندى. چۆچەك شەھىرى بۇ يىلى ئەرگۇڭ بازارلىق مەركىزىي مەكتەپ ئەتراپىدىكىلەرنى كۆچۈرۈپ، مەكتەپ قورۇسىنى ئون مو ئەتراپىدا كېڭەيتتى ھەم 6 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، كۆلىمى 3000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسى سالدى.

  مىن شياۋچىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يېڭى ئوقۇتۇش بىناسى بۇ يىل ئىشلىتىلىدۇ، بۇ مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ قىلىۋاتقان چوڭ ئىش. شۇ ۋاقىتتا كومپيۇتېرخانا، گۈزەل سەنئەت دەرسخانىسى، كۇتۇپخانا قاتارلىق ئىقتىدارلىق دەرسخانىلارنى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى شەھەردىكى مەكتەپلەرگە ئوخشاش ياخشى شارائىت ۋە مۇھىتتىن، ئادىل ۋە سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىمىز. بازىرىمىزدا بۇلتۇر يەنە يېڭىدىن ئىككى يەسلى سېلىندى، ئەرگۇڭ بازىرىدىكى يەسلى تۆتكە يەتتى، بۇ، بازاردىكى يەسلى يېشىدىكى بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىش ئېھتىياجىنى تامامەن قاندۇرالايدۇ.

  مىن شياۋچىڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى شەھەر – يېزىلارنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىدا پەرق بولغاچقا، مەكتەپتە ئوقۇغۇچى ئازلاپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن. بۇ بىرقانچە يىلدا يېزىلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، مەكتەپتە تەنھەرىكەت مەيدانى ياساش، يېڭى ئوقۇتۇش بىناسى ۋە ئاشخانا سېلىش قاتارلىق ئەمەلىي ئىشلار ئىشلىنىپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، مۇشۇ سەۋەبتىن ئاتا – ئانىلارمۇ بالىلىرىنى يېقىن جايدا ئوقۇتىدىغان بولدى.

  مىن شياۋچىڭ مۇنداق دېدى: خەلق تۇرمۇشىدا كىچىك ئىش يوق، خەلق تۇرمۇشى يەنە بىر قاتار كىچىك ئىشلار ئارقىلىق نامايان قىلىنىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ بېجىرسەكلا، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلىسەكلا، جەزمەن خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ھەممەيلەننى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى نيۇ رۇجى: دېھقانلارنىڭ تەبەسسۇمى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى نيۇ رۇجى شىنجاڭ پېداگوگىكا داشۆسىنىڭ 4 – تۈركۈمدىكى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقاندىن بۇيان، ‹‹كەنتتىكى ئىشلار››غا يېقىندىن دىققەت قىلدى.

  ئەزا نيۇ رۇجى مۇنداق دېدى: خىزمەت داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ دېھقاننىڭ چېھرىدە تەبەسسۇمنى كۆردۇق. بۇ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە! يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم چىقارغان ‹‹ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تىزىملىكى››دىكى تەدبىرلەرنىڭ سالمىقى زور بولۇپ، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىن ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى يولغا قويۇلدى، بۇلتۇر يېزىلاردىكى 47 مىڭدىن ئارتۇق ئەمگەكچى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىز كەنتتە بۇ تەدبىرلەرنىڭ دېھقانلارنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتىگە ئايلانغانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇق. بۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ، تۇرمۇشىنى يىلدىن – يىلغا ياخشىلىدى!

  ئەزا نيۇ رۇجى مۇنداق دېدى: بۇلتۇر يەكەن ناھىيەسى زەرەپشات تاجىك مىللىي يېزىسىنىڭ زەرەپشات كەنتىدە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشتىم. مەن جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا خەلق تۇرمۇشىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقىنى، بولۇپمۇ يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ۋە ‹‹بەش بىر تۇتاش››نىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى كۆردۈم، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ تەدبىرلەر دېھقانلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىلان تۈزۈش ۋە ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئاكتىپلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغاپ، دېھقانلارنىڭ يۈكىنى زور دەرىجىدە يېنىكلەتتى، بۇنى دېھقانلار چىن قەلبىدىن قىزغىن ھىمايە قىلدى.

  ئەزا نيۇ رۇجى مۇنداق دېدى: دېھقانلارغا پۇل، ماددىي بۇيۇم بېرىپ ياردەم قىلغاندىن كۆرە، ياخشى پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇپ بەرسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينىدى. ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يېزىلاردىكى بارلىق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى يېتەكلەپ، ئۇلارنى تەدرىجىي دېھقانلارنى بېيىتىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە يېتەكلەيدىغان مۇستەھكەم قورغانغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ كونكرېت ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئاسان ئىش يوق، بۇنى ئاز – ئازدىن، بىر – بىرلەپ پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  غۇلجا شەھىرىنىڭ پەنجىم بازىرى پىلچى كەنتىدىكى پەرىدەم ئوبۇل: بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئىشەنچىمىز كامىل

  غۇلجا شەھىرىنىڭ پەنجىم بازىرى پىلچى كەنتىدىكى پەرىدەم ئوبۇل خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش جەھەتتىكى ھېس قىلغانلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بېيجىڭ گەرچە بىزدىن يىراق بولسىمۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىزگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ۋە كۆيۈنۈۋاتقانلىقىنى ھەر ۋاقىت ھېس قىلالايمىز.

  پەرىدەم ئوبۇل بۇلتۇر كەنت تەشكىللىگەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ، ياردەمچى ‹‹كىيىم پىچقۇچى – تىككۈچى››لىك گۇۋاھنامىسى ئېلىپ، ئۆيىگە يېقىن بىر كىيىم – كېچەك زاۋۇتىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانىدى. پەرىدەم ئوبۇل مۇنداق دېدى: سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرتۈۋاتىمىز، بالىلار يەسلىلەردە ھەقسىز ئوقۇۋاتىدۇ، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىمىز كېلىپ ياردەم بېرىۋاتىدۇ... تۇرمۇشىمىز يىلسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. ئىلگىرى ئائىلىمىز تۆت مو يەرنىڭ كىرىمىگىلا قاراشلىق ئىدى، ھازىر ئايلىق كىرىمىم 1500 يۈەندىن ئاشىدۇ، ئېرىممۇ كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن سىرتقا چىقىپ ئىشلەۋاتىدۇ. 2017 – يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۆيىمىزنى يېڭىلىۋالدۇق، يېڭى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالدۇق، بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىمىز بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ.

  بىر يىلدىن بۇيان، پىلچى كەنتى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يىلتىز تارتقۇزۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەش، ھويلا – ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى تەدبىرلىرى ئاساسىدا، مۇھىت تازىلىقىنى يەنىمۇ تۈزەپ، يېزا – كەنت يوللىرى، سۇ، توك قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ھەل قىلدى. گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى.

  پەرىدەم ئوبۇل مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى كۆپ، بىز تىرىشىپ ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرسەكلا، تېخىمۇ كۆپ ئاچا – سىڭىللارنى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلىيەلەيمىز. ھازىر تۆت شاگىرتىم بار، زاۋۇتىمىزدا تىكىلگەن سەھنە كىيىملىرى شىنجاڭدا بازار تېپىپلا قالماي، بۇ يىل يەنە تور ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردە سېتىلىۋاتىدۇ. ھەر مىللەت ئامما مۇشۇنىڭدەك كۆرگىلى، ھېس قىلغىلى بولىدىغان ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى