تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

‹‹ئىككى يىغىن››دىن جۇڭگو روھىنى ھېس قىلىش

  لى جىڭ

  3 – ئاينىڭ 5 – كۈنى 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى ئېچىلغان كۈن، شۇنداقلا 55 – قېتىملىق ‹‹لېي فېڭدىن ئۆگىنىش خاتىرە كۈنى››. يېڭى دەۋردە لېي فېڭ روھىدىن ئۆگىنىشتە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››دا، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى، ئۇنىڭدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن جۇڭگو روھىنى ھەممىلا يەردە ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

  دۆلەت قاتلىمىدىكى قىممەت نىشانى بولغان ‹‹قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق بولۇش››تىن، جەمئىيەت قاتلىمىدىكى قىممەت يۆنىلىشى بولغان ‹‹ئەركىن، باراۋەر، ئادىل، قانۇنچىل بولۇش››قىچە، يەنە شەخسلەر قاتلىمىدىكى قىممەت مىزانى بولغان ‹‹ۋەتەنپەرۋەر، كەسىپچان، سەمىمىي، دوستانە بولۇش››قىچە بولغان سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ھازىرقى زامان جۇڭگو روھىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى بولۇپ، پۈتۈن خەلقنىڭ ئورتاق قىممەت ئىنتىلىشى مۇجەسسەملەنگەن. بۈگۈن مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››دىكى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان كۆرۈنۈشلەر، ياڭراق سادالار، بۇ 24 خەتنى چوڭقۇر شەرھلەپ بەردى.

  ‹‹جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇش باسقۇچىغا كىرىپ، ئالەم بوشلۇقى پونكىتى دەۋرىگە قەدەم قويدى...››، ‹‹دۆلەتنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، ئېلىمىزنىڭ كىۋانت مەخپىي ئالاقىلىشىش تەتقىقاتى خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى...›› بىز سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ تۇنجى ‹‹ئەزالار كارىدورى››دا ئەزالارنىڭ چېھرىدە ئىشەنچ ۋە ئىپتىخارلىقنىڭ جىلۋىلەنگەنلىكىنى كۆردۇق، بىز ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ گۈللىنىپ، قۇدرەت تېپىشقا قاراپ مەزمۇت قەدەم باسقانلىقىنى ھېس قىلدۇق؛ ‹‹مۇۋاپىق بولغان مائارىپ ئەڭ ياخشى مائارىپ ... جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجى بار شەخسلەرگە تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز››، ‹‹جايلارنىڭ گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان ئالاقىدار پىكىرنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارغا غەيرەت – شىجائەت، ئارزۇ ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مەھەللە داۋالاش خادىملىرىنىڭ باھارى جۇڭگو پۇقرالىرى ساغلاملىقىنىڭ باھارى ...›› مەيلى يىغىندىكى ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ تەۋسىيە – تەكلىپى بولسۇن، ياكى يىغىن سىرتىدىكى پۇقرالارنىڭ قىزغىن ئۈمىد – ئارزۇلىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەركىن، باراۋەر، ئادىل، قانۇنچىل مۇساپىگە ئاتلانغانلىقىغا گۇۋاھ بولماقتا؛ ‹‹ھازىر تۇرمۇشىمىز يىلدىن – يىلغا ياخشىلاندى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئالاھىدە مېھىر – مۇھەببىتى، كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقىدىن پۇقرالار ئىنتايىن مىننەتدار!››، ‹‹بىز ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، تۈگۈننى توغرا تېپىش، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتەك ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالمايمىز››، ‹‹مەن كەلگۈسى بىرقانچە يىلدا بۇ زېمىننى بۇلغىنىش يوق ئېكولوگىيەلىك باغقا ئايلاندۇرۇشنى، ئەتراپتىكى شەھەر ئاممىسىنى خاتىرجەم مېۋە – چېۋە يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن››... ۋەكىللەر، ئەزالاردا ئىپادىلەنگەن قىزغىنلىق ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى، قەسەم ۋە ئىرادىمۇ ھەربىر جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزىنىڭ دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە بەرگەن ياڭراق جاۋابى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى مۇنداق دېگەنىدى: جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چوقۇم جۇڭگو يولىدا مېڭىش، جۇڭگو روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، جۇڭگو كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ماددىي يارىتىشنى قاتتىق ئەمەلىي كۈچ دېسەك، ئۇنداقتا مەنىۋى تۈۋرۈك كەم بولسا بولمايدىغان يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ. مىللەتنىڭ مەدەنىي بولۇپ، ئالغا ئىلگىرىلىشى، دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ، قۇدرەت تېپىشى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۈزلۈكسىز تىرىشىشقا، زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشكە موھتاج، يادرولۇق قىممەت قارىشى بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئۇزاق داۋام قىلىدىغان، ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق كۈچ. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى خۇددى بايراقتەك دۆلەتنىڭ، مىللەتنىڭ ۋە شەخسنىڭ ‹‹روھىي قىياپىتى››نى روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. مانا مۇشۇنداق روھىي قىياپەتنىڭ يېتەكلىشىدە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىمىز، توختىماي ئالغا باسىمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى