تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

20 يىللىق قېرىنداشلىق رىشتى سەبىيلەرنىڭ قەلبىدە بىخلاندى

غېنى سالامنىڭ مېھمانخانا ئۆيىگە قويۇلغان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قىممەتلىك ئەسلىمىسى. بۇ سۈرەت بۇ ئىككى ئائىلە دوستلۇقىنىڭ شاھىدى.

      شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) 1- ئاۋغۇست پولات تۆمۈر زاۋۇتى تارماق باشقۇرۇش رايونىدىكى يەتتە ياشلىق  لو يۈنچيەن 3-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاكىسى ئۈمىد غېنى ۋە ئاچىسى قەدىريە غېنى بىلەن بىرلىكتە ئۆيگە كېتىۋاتاتتى.

    لو يۈنچيەن ئىشىكتىن كىرىپلا ئاشخانىدىكى زورىخان ئابلىمىتقا قاراپ : «ئاپا، بۈگۈن نېمە تاماق يەيمىز؟» ،-دەپ سورىدى.

    لو يۈنچيەن يېرىم ياشتن باشلاپ داۋاملىق بۇ ئۆيگە كېلىپ تۇرغاچقا، ئۇنىڭ بۇ ئاكا -ھەدىلىرى بىلەن بولغان دوستلۇقىنى ئاتا-ئانىلىرىنىڭ 20 يىللىق قېرىنداشلىق رىشتىسىنىڭ داۋامى دېيىشكە بولاتتى.

    بىر پارچە قىممەتلىك سۈرەت

   بالىلارنىڭ قايتىپ كەلگەن ئاۋازىنى ئاڭلىغان زورىخان ئاشخانىدىن چىقىپ لو يۈنچيەننىڭ چاپىنىنى سالدۇرغاچ : «ھاردىڭلارمۇ بالىلىرىم، بۈگۈن قورۇما چۆپ يەيمىز»،- دېدى.

  «نېمىدېگەن ياخشى! ئاپا، مەن سىز ئەتكەن قورۇما چۆپنى بەك ياخشى كۆرىمەن.»

  لو يۈنچيەن خۇشاللىقىدا زورىخان ئانىنىڭ بوينىنى قۇچاقلاپ يۈزىگە سۆيۈپ قويدى.

   زورىخاننىڭ ئۆيىگە بىر پارچە قىممەتلىك ئائىلە سۈرىتى قويۇلغان بولۇپ، بۇلتۇر 10- ئايدا تارتىلغان. بۇ سۈرەتتە، لو يۈنچيەن بىلەن قەدىريە قول تۇتۇشۇپ ناھايىتى خۇشال ھالدا ئالدىدا، زورىخان بىلەن لو يۈنچيەننىڭ ئاتا-ئانىسى كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغانىدى. سۈرەتنى كۆرگەن كىشىلەر بۇ بەش كىشىنىڭ خۇشال كۈلكىسىدىن تەسىرلەنمەي قالمايتتى.

   2010- يىلى، يەنى قەدىريە 8 ئايلىق، لو يۈنچيەن 6 ئايلىق بولغان چاغلاردا، لوسېن ئەر-ئايالنىڭ خىزمىتى بەكلا ئالدىراش بولغاچقا قىزى لو يۈنچيەننى داۋاملىق زورىخاننىڭ يېنىدا قويۇپ كېتەتتى. زورىخان قىزى قەدىريەگە نېمە يېگۈزسە لو يۈنچيەنگىمۇ تەڭ يېگۈزۈپ باقاتتى، چىرايلىق كىيىم ۋە ئويۇنچۇقلارنى ئىككىسىگە تەڭ ئېلىپ بېرەتتى.

   لو سېن ئەر-ئايالمۇ ھەر قېتىم قىزىنى ئالغىلى كەلگەندە، قەدىريە ۋە ئۇنىڭ ئاكىسىغا سوۋغات ئالغاچ كېلىشنى ئۇنتۇمايتتى. ئۈچ بالىنىڭ ئوخشاشلا ئىككى ئاتا-ئانسى بار ئىدى.

   لو يۈنچيەننىڭ «妈妈» ھەم «ئاپا» دەپ  تىلى چىققان بولۇپ، زورىخان ئەينى چاغدىكى ئىشلارنى ئەسلەپ: «ئۇ بىرىنچى قېتىم <ئاپا> دەپ چاقىرغىنىدا خۇشاللىقىمدىن يىغلىۋەتكەنتىم»،- دەپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يەنە كۆز يېشى قىلدى.

   قېرىنداشلىق رىشتىسىگە ئۇل سالغان ئاتا-ئانىلار

   تاماق ئۈستىلىدە زورىخاننىڭ كۆز يېشى قىلىۋاتقىنىنى كۆرگەن لو يۈنچيەن قوشۇقىنى قويۇپ، بۇدرۇققىنە قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ يېشىنى سۈرتكەچ : «ئاپا، يىغلىماڭ»،-دېدى.

  زورىخانمۇ: «سىزدەك ياخشى قىزىم بولغىنىغا خۇش بولۇپ يىغلاۋاتىمەن، قىزىم»،- دەپ، لو يۈنچيەننى باغرىغا بېسىپ پېشانىسىگە سۆيۈپ قويدى.

   ئۇلارنىڭ پارىڭى ئارىسىدا لوسېن كەلدى. ئۇ قىزىنىڭ زورىخان ئانىنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ يالغاندىن خاپا بولغاندەك قىلىپ: «ئەركىلەۋەرمەڭ، ئەمدى چوڭ بولدىڭىز، ئاپىڭىز سىزنى كۆتۈرەلمەيدۇ»،- دېدى.

   لو يۈنچيەن دادىسىنىڭ بۇ گېپىگە كەپسىزلىك بىلەن تىلىنى چىقىرىپ قويدى.

   لوسېن ئۈچ بالىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويغىلى كەلگەنىدى. ئۇ مۇنداق دېدى :« بالىلارنىڭ مۇناسىۋىتى شۇنداق ياخشى. ھەر دائىم بۇ ئۈچ بالىنىڭ خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە، غېنى ئاكام بىلەن بولغان قېرىنداشلىق مېھرى ئېسىمگە كېلىدۇ. 20 يىل بۇرۇن، بىر قورساق ئاكام لو لوڭ بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەپ، جەنۇب ۋە شىمالغا مال توشۇيتتۇق. غېنى ئاكام بولسا تۇرپانلىق ئاپتوموبىل رېمونتچىسى ئىدى، ئۇزۇن مەزگىل بېرىش-كېلىش قىلىش نەتىجىسىدە ئۈچىمىز يېقىن بۇرادەرلەردىن بولۇپ قالدۇق. ئۆز-ئارا ياردەم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئارىمىزدىكى ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى.

   لو لۇڭنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، بىر قېتىم ئاپتوموبىل بۇزۇلۇپ قۇملۇقتا قالغاندا، غېنى كېچىلەپ موتوسىكلىت بىلەن بېرىپ ئۇلارنىڭ ماشىنىسىنى ياساپ بەرگەن ھەم ئۇلارغا يەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ ئالغاچ كەلگەنىكەن.

  غېنىنىڭ ئېيتىشىچە، لو سېن ئاكا-ئۇكا دائىم ئۇنىڭ ئۆيگە بېرىپ ئاتا-ئانىسىنى يوقلاپ تۇرىدىكەن، ھەر قېتىم سەپەرگە چىققاندا غېنىنىڭ ئۆيىدىكىلىرى لو سېن ئاكا-ئۇكىلارغا يېمەكلىك تەييارلاپ بېرىدىكەن، ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى ئاغرىپ قالغان چاغلاردا، ئۇلار تۇرپاندا بولسىلا چوقۇم يوقلاپ بارىدىكەن.

  ئۈچ سىرداش دوست

   غېنىنىڭ ئاپتوموبىل رېمونتچىلىق قىلىشقا خېلىلا ئېپى بولغاچقا، لو ئاكا-ئۇكا ئۇنى ئۈرۈمچىگە بېرىپ تەرەققىي قىلىشقا ئىھاملاندۇردى ۋە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئۆي تېپىشىپ بېرىپ ئۇنى غەمدىن خالاس قىلدى. مانا بۈگۈنگە كەلگەندە، غەنى بىر دۆلەت ئىگىلىكىدىكى رېمونتچىلىق كارخانىسىنىڭ ئىشچىسىغا ئايلاندى.

   لو سېننىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ قىزى كىچىكىدىن باشلاپلا غېنىلارنىڭ ئۆيىگە داۋاملىق كېلىپ تۇرغاچقا، غەنىنىڭ ئىككى بالىسى بىلەن بولغان مۇھەببىتى چوڭقۇر بولۇپ، دائىم بىللە ئوينايدىكەن؛ تاماق يېگەندە بىر بىرىگە ياردەملىشىپ تاماق ئۇسۇپ بېرىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغانىكەن.

   دادىسىنىڭ ئۆزىنى ماختىغىنىنى ئاڭلىغان لو يۈنچيەن ئورنىدىن تۇرۇپ زورىخاننىڭ مۈرىسىنى ئۇۋۇلاپ قويغاچ : «مەن تېخى ئاپامنىڭ چېچىنى تاراپ، مۈرىسىنى تۇتۇپ قويىمەن»،- دېدى.

  زورىخان بولسا خۇشاللىقىدىن لو يۈنچيەننى قۇچاقلاپ: «شۇڭا ھەممەيلەن سىزنى مېھرىبان دەپ چاقىرىمىز ئەمەسمۇ، سىز مېنىڭ ئەڭ مېھرىبان، ئەڭ ئوماق قىزىم»،-دەپ ئەركىلەتتى.

  بۇ گەپنى ئاڭلىغان لو يۈنچيەن: «مەن، ئاكام، ئاچام ئۈچىمىز سىلەرنىڭ ئەڭ ئوماق، ئەڭ مېھرىبان بالىلىرىڭلار»،-دېدى، بۇ گەپ ئاخىرلىشىشىغا ئۆي ئىچىدە خۇشال كۈلكە ئاۋازى كۆتۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • گېرمانىيە كوماندىسى شىۋېتسىيە كوماندىسىنى يەڭدى
  • باركۆل ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان جايغا ئايلاندى
  • ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئېكسپېدىتسىيە ساياھەت مەنزىلگاھى بولۇپ باھالاندى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى