تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

لى كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتى (ئۈزۈندىلەر)

ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەت ئەسلىمىسى

     دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى

     12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىدىن بۇيانقى بەش يىل دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن ئالاھىدە بەش يىل بولدى. ئىنتايىن چىگىش، مۇرەككەپ ئىچكى- تاشقى ۋەزىيەت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەڭكەش ئالغا سۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

     ئىقتىسادىي كۈچىمىز يېڭى پەللىگە چىقتى

     ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 54تىرىليون يۈەندىن كۆپىيىپ 82 تىرىليون 700 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.1 ئاشتى، دۇنيا ئىقتىسادىدا ئىگىلىگەن سالمىقى %11.4تىن تەخمىنەن %15كە كۆتۈرۈلدى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %30تىن ئېشىپ كەتتى.

     مالىيە كىرىمى 11 تىرىليون 700 مىليارد يۈەندىن كۆپىيىپ 17 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يەتتى.

     ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئۆرلەش نىسبىتى %1.9 بولدى، بىرقەدەر تۆۋەن سەۋىيە ساقلاندى.

     شەھەر- بازارلاردا 66 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار چوڭ دۆلەتتە بىرقەدەر تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەمەلگە ئاشتى.

     ئىقتىسادىي قۇرۇلمىدا زور ئۆزگىرىش بولدى

     ئىستېمالنىڭ تۆھپە نىسبىتى %54.9تىن %58.8كە يەتتى.

     مۇلازىمەتچىلىكنىڭ سالمىقى %45.3تىن %51.6كە كۆتۈرۈلۈپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ قالدى.

     يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %11.7 ئاشتى.

     ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 1 تىرىليون 200 مىليارد جىڭغا يەتتى.

     شەھەر- بازارلىشىش نىسبىتى %52.6تىن %58.5كە كۆتۈرۈلدى، 80 مىليوندىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە نوپۇسى شەھەر- بازار ئاھالىسىگە ئايلاندى.

     يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتقا تۈرتكە قىلىشتا مول نەتىجە قولغا كەلدى

    پۈتكۈل جەمئىيەت بويىچە تەتقىق قىلىپ يارىتىش سېلىنمىسى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %11 ئېشىپ، كۆلەم جەھەتتە دۇنيا بويىچە 2- ئورۇنغا ئۆتتى.

    پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە نىسبىتى %52.2تىن %57.5كە كۆتۈرۈلدى. ئادەملىك ئالەم قاتنىشى، چوڭقۇر دېڭىزنى تەكشۈرۈش، كىۋانتلىق ئالاقىلىشىش، چوڭ ئايروپىلان قاتارلىق زور ئىجادىي نەتىجىلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى. يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، كۆچمە چىقىم، ھەمبەھرىلىك ئىقتىساد قاتارلىقلار دۇنيا ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ. «ئالاقە تورى +» ھەرقايسى ساھەلەرگە كەڭ كۆلەمدە كىردى.

     ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان كارخانا 5000 نەچچىدىن 16 مىڭ نەچچىگە يەتتى.

     ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا زور قەدەم تاشلاندى

     ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك كۈچ بەردى، كۆپ نۇقتىدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر ئالغا سىلجىدى، مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە قولغا كەلدى.

     مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتلار ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

    «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى روشەن ئۈنۈم بەردى، تاشقى سودا ۋە تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش قۇرۇلمىسى ياخشىلىنىپ، كۆلىمى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مۇقىم تۇردى.

     خەلق تۇرمۇشى ئىزچىل ياخشىلاندى

     نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجە قولغا كېلىپ، 68 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالە ئازايدى. 8 مىليون 300 مىڭ نامرات ئاھالە كۆچۈرۈپ يۆلەندى، نامراتلىشىش نىسبىتى %10.2تىن %3.1كە چۈشتى.

     ئاھالە كىرىمى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.4 كۆپىيىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئوتتۇراھال كىرىملىك كىشىلەر توپى شەكىللەندى.

     چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلغانلار 83 مىليون ئادەم (قېتىم)دىن كۆپىيىپ 130 نەچچە مىليون ئادەم (قېتىم)گە يەتتى.

     ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى 900 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى قاپلىدى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى 1 مىليارد 350 مىليون ئادەمنى قاپلىدى، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تورى شەكىللەندى.

     ئاھالىنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 76.7 ياشقا يەتتى.

    كەپە ئۆي رايونىدا 26 مىليون يۈرۈشتىن ئارتۇق تۇرالغۇ ئۆي ئۆزگەرتىلدى، يېزىلاردا 17 مىليوندىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ خەتەرلىك ئۆيى ئۆزگەرتىلدى، يۈز مىليونلىغان ئادەم يېڭى ئۆيگە خۇشاللىق بىلەن كۆچۈپ كىردى.

     ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەھۋالى پەيدىنپەي ياخشىلاندى

ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنىڭ ئۈچ «ئون ماددىسى» تۈزۈلۈپ، پۇختا ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ بىرلىك ئېنېرگىيە سەرپىياتى، سۇ سەرپىياتى %20تىن ئارتۇق تۆۋەنلىدى، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى ئىزچىل تۆۋەنلىدى، نۇقتىلىق شەھەرلەردە ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان كۈن سانىنىڭ يېرىمى ئازايدى، ئورمان كۆلىمى 163 مىليون مو كۆپەيدى، قۇملاشقان يەر كۆلىمى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2000 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېقىن ئازايدى. يېشىل تەرەققىياتتا خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

 (1)مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاشنى ئىشقا ئاشۇردۇق

  مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش ۋە تىزگىنلەشتە كۈچەپ يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

  ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى سىجىل يولغا قويۇشتا چىڭ تۇردۇق. دۆلىتىمىز باشلامچىلىق بىلەن باجنى زور دەرىجىدە كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلەتتى. تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى باسقۇچقا بۆلۈپ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، 66 يىللىق تىجارەت بېجى ئېلىش تارىخىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جەمئىي 2 تىرىليون يۈەندىن كۆپرەك باجنى كېمەيتتى، بۇنىڭغا كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا باجدا ئېتىبار بېرىش، تۈرلۈك ھەقنى ئېنىقلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى قوشقاندا، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ جەمئىي 3 تىرىليون يۈەندىن كۆپرەك يۈكىنى يېنىكلەتتى. يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن ئۆسۈم يۈكىنى تۆۋەنلەتتى. مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى ۋە نۇقتىلىق تۈرلەرگە كاپالەتلىك قىلدى. مالىيە قىزىل رەقىمى نىسبىتى ئىزچىل %3 ئىچىدە كونترول قىلىندى.

  (2) تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ ياخشىلىنىپ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈشىنى تېزلەتتۇق

  تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى قۇۋۋەتنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ ياخشىلىنىپ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈشىنى تېزلەتتۇق. ئىسلاھاتقا چىڭ تايىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە قۇرۇلما تەڭپۇڭسىزلىقىدىكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، گۈللەنمە كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ ۋە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، تەمىنات سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردۇق. «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق. مەركەز مالىيەسىدىن 100 مىليارد يۈەن مەخسۇس مۇكاپات تولۇقلىما مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى- خىزمەتچىنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇردۇق. 170 مىليون توننىدىن ئارتۇق پولات- تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، 800 مىليون توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى چېكىندۈردۇق. 3- ، 4- قاتاردىكى شەھەرلەردە تاۋار تۇرالغۇ قالدۇقىنى تۈگىتىشتە روشەن ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پاسسىپلىق نىسبىتى داۋاملىق تۆۋەنلىدى. ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند تۈرى %30 ئازايتىلدى، مەركىزىي ھۆكۈمەت قاتلىمىدا تەسىس قىلىنىدىغان، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان ھەق ئېلىش تۈرى %60تىن كۆپرەك ئازايتىلدى، «بەش سۇغۇرتا، بىر فوند»نىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىلدى.

  كونا تەرەققىيات قۇۋۋىتى بىلەن يېڭى تەرەققىيات قۇۋۋىتىنىڭ داۋاملاشما ئالمىشىشى تېزلىتىلدى. تېرىقچىلىقتا مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىك سالمىقى %30تىن ئېشىپ، 40 نەچچە پىرسەنتكە يەتتى. توردا پارچە سېتىش ئومۇمىي سوممىسى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %30تىن كۆپرەك ئاشتى، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %11.3 ئاشتى. يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ 9000 كىلومېتىردىن ئارتۇق تىجارەتلىك تىرانسپورت مۇساپىسى 25 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، دۇنيادىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تىجارەتلىك تىرانسپورت مۇساپىسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلىدى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇساپىسى 96 مىڭ كىلومېتىردىن 136 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى، 1 مىليون 270 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولى يېڭىدىن ياسالدى ياكى ئۆزگەرتىپ ياسالدى، پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئايرودۇرۇمىدىن 46سى يېڭىدىن ياسالدى، چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ 122 تۈرىدە ئىش باشلاندى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئورۇندالدى، يەرشارى بويىچە ئەڭ چوڭ كۆچمە كەڭ بەلباغلىق تور بەرپا قىلىندى.

  گوۋۇيۈەن تارماقلىرى مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى %44 ئازايتتى، مەمۇرىي ئىجازەتكە ياتمايدىغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۈزۈل- كېسىل ئاخىرلاشتۇرۇلدى، كارخانا سېلىنمىسىنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەت قاتلىمىدا تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىدىغان تۈرى %90 ئازايتىلدى، مەمۇرىي تەستىق ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى %74 ئازايتىلدى، كەسپىي سالاھىيەتكە ئىجازەت بېرىش ۋە ئۇنى بېكىتىش زور دەرىجىدە ئازايتىلدى. مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىش تۈرلىرى %80، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىش تۈرلىرى %50تىن ئارتۇق ئازايتىلدى.

  (3) يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتقا يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردۇق

  يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتقا يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىجادكارلىقنى كۈچەپ قوزغاپ، ئومۇمىي يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردۇق. يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتقا تۈرتكە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى ياخشىلاپ، كۆپ سۇبيېكتلار ھەمكارلىشىدىغان، ھەر تەرەپلىمە ئالغا سىلجىتىلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردۇق. پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن تەتقىقاتىدا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى زورايتىپ، پەن تەتقىقات تۈرلىرى ۋە خىراجىتىنى باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىگە دائىر ھوقۇق- مەنپەئەتنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. بېيجىڭ، شاڭخەينىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشىنى قوللاپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونىدىن 14نى يېڭىدىن تەسىس قىلدۇق. كارخانىنى سۇبيېكت قىلىپ، تېخنىكا يېڭىلاش سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇردۇق. ھەر خىل بازار سۇبيېكتى 98 مىليوندىن ئېشىپ، بەش يىلدا %70تىن ئارتۇق كۆپەيدى. مەملىكەت ئىچىدە ئۈنۈملۈك كەشپىيات پاتېنتىنىڭ مىقدارى ئىككى ھەسسە ئاشتى، تېخنىكا سودا سوممىسى بىر قاتلاندى.

  (4) ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈلمە، مېخانىزم ئىللەتلىرىنى كۈچەپ تۈگىتىپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق. دۆلەت كارخانىلىرى، دۆلەت مۈلكى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، بۇلتۇر پايدىسى%23.5 ئاشتى. ئېنېرگىيە، تۆمۈريول، تۇزچىلىق قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ بازار ئىجازىتى كەڭ قويۇۋېتىلدى. كۆچمەس مۈلۈكنى بىرتۇتاش تىزىملاش تۈزۈمى ئورنىتىلدى. مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. مالىيە خامچوتى، نەق چوتىنى ئاشكارىلاش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان باج ئاساس قىلىنغان كىرىم تەقسىمات ئەندىزىسى بەرپا قىلىندى، مەركەز مالىيەسى بىلەن يەرلىك مالىيەنىڭ ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم جاۋابكارلىقىنى ئايرىش ئىسلاھاتى باشلاندى، مەركەزنىڭ جايلارغا قاراتقان ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىمنىڭ كۆلىمى زور دەرىجىدە ئاشتى، مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم تۈرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ئازايتىلدى. ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىندى. شەھەر- يېزا ئاھالىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي كۈتۈنۈش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، ئورگانلار، كەسپىي ئورۇنلار ۋە كارخانىلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بىر قىسىم دۆلەت كاپىتالىنى ئاجرىتىپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى تولۇقلاش لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سۈرۈلدى، ئۇزاق مۇددەت يولغا قويۇلۇپ كەلگەن دورىغا ئۈلۈش قوشۇش سىياسىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، دورىنى، داۋالاش ئەسۋاب- ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. يېزا ھۆددە يېرىنىڭ «ئۈچ ھوقۇقى»نى ئايرىش ئىسلاھاتى ئالغا سىلجىتىلدى، ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش دائىرىسى%80تىن ئېشىپ كەتتى. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  (5) ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈردۇق

  ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى كۈچەپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈردۇق. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە بەرپا قىلىشقا تەشەببۇسچى ۋە تۈرتكە بولدۇق، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنى تەشەببۇس قىلىپ قۇرۇپ، يىپەك يولى فوندى، شاڭخەي قاتارلىق 11 ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلدۇق. ئېكسپورت قايتۇرما بېجىنى ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلدۇق، ئاشقان قايتۇرما باجنىڭ ھەممىسىنى مەركەز مالىيەسى ئۈستىگە ئالىدىغان بولدى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىدىن 13نى تەسىس قىلدۇق، خەلقئارا سودىدا «بىرلا كۆزنەكتە رەسمىيەت ئۆتەش» چارىسى پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇملىشىپ، مالنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يېرىمدىن كۆپرەك قىسقاردى. چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ سېلىنمىسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمىنى پاسسىپ تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىپ، چەكلىمىلىك تەدبىرلەرنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئازايتتۇق. چەت ئەل سودىگەرلىرى سېلىنمىسىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى بىر ھەسسە ئۆستۈردۇق. ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگوغا كېلىپ ئىشلەيدىغان چەت ئەل مۇتەخەسسىسلىرىنى %40 كۆپەيتتۇق. سەككىز ئەركىن سودا كېلىشىمىنى يېڭىدىن ئىمزالىدۇق ۋە يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈردۇق. شاڭخەي- شياڭگاڭ ئاكسىيە بېرژىسى، شېنجېن- شياڭگاڭ ئاكسىيە بېرژىسى ۋە زايوم بازىرى ئارقا- ئارقىدىن تۇتاشتۇرۇلدى، خەلق پۇلى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى غەللىسىگە قوشۇلدى.

  (6) رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ئېشىش قۇتۇپى ۋە ئېشىش بەلبېغىنى تېز يېتىلدۈردۇق

  رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەڭپۇڭ تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئېشىش قۇتۇپى ۋە ئېشىش بەلبېغىنى تېز يېتىلدۈردۇق.

  بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينىڭ ماسلاشما تەرەققىياتى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتتۇق. غەربىي رايوننى ئېچىش، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش، ئوتتۇرا رايوننى يۈكسەلدۈرۈش، شەرقىي رايوننى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان بىر يۈرۈش ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار ۋە نامرات رايونلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىزاڭغا، شىنجاڭغا، چىڭخەيگە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتتۇق. دېڭىز- ئوكياننى قوغداش ۋە ئېچىشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتۇق. نۇقتىلىق شەھەر توپلىرىنىڭ يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر ۋە كىچىك بازارلارنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. شەھەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا نوپۇسقا ئېلىش چەكلىمىسىنى كەڭ قويۇۋېتىپ، تۇرۇش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق، شەھەر- بازار ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى دائىملىق ئاھالىنى قاپلىدى.

  (7) خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق

  خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ياخشىلاشقا كۈچەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق.

  خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىنى سىجىل ئاشۇردۇق. بەش يىلدا مەركەز مالىيەسىدىن 280 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك يۆلەش مەخسۇس مەبلىغى ئاجراتتۇق.

  ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدۇق. مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇردۇق، مالىيەلىك مائارىپ خىراجىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئىزچىل %4تىن يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلاندى. يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈردۇق، يېزىلاردىكى 36 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوزۇقلۇق ياخشىلاش پىلانىدىن نەپ ئالدى. نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن مەخسۇس قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار 10 مىڭدىن كۆپىيىپ 100 مىڭغا يەتتى. تۈرلۈك مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇردۇق، بۇنىڭدىن 430 مىليون ئادەم (قېتىم) مەنپەئەتلەندى. ئەمگەك يېشىدىكى ئاھالىنىڭ ئوتتۇرىچە تەربىيە كۆرۈش يىلىنى 10.5 يىلغا يەتكۈزدۇق. ئاھالىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن كىشى بېشىغا بېرىلىدىغان ئوتتۇرىچە مالىيە ياردىمىنىڭ ئۆلچىمىنى 240 يۈەندىن 450 يۈەنگە ئۆستۈردۇق، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورناتتۇق، بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگەنلەر 17 مىليون ئادەم (قېتىم)دىن ئاشتى، باشقا جايدا كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى سىجىل، مۇۋاپىق دەرىجىدە ئۆستۈردۇق. تۆۋەن كاپالەت، نەپىقە قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 60 مىليونغا يېقىن تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتى ۋە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق. قىيىنچىلىقتا قالغان مېيىپلەر ۋە ئېغىر مېيىپلەرگە ياردەم پۇلى بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، 21 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى مەنپەئەتلەندۈردۇق. ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا رۇخسەت قىلىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق. مەدەنىيەت كەسپى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %13 تىن كۆپرەك ئاشتى.

   (8) ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق

  ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىت بۇلغىنىشىنى كۈچەپ تۈزەپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق.

  ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ تۈزەپ، نۇقتىلىق رايونلاردىكى ئۇششاق دانچە (PM2.5)نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقىنى %30تىن ئارتۇق تۆۋەنلەتتۇق. پارچە كۆمۈرنىڭ ئىشلىتىلىشىنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، %71 كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتتۇق. ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، كۆمۈر ئىستېمالىنىڭ سالمىقىنى 8.1 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلەتتۇق، پاكىز ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ سالمىقىنى 6.3 پىرسەنت پوئېنت ئاشۇردۇق. يېقىلغۇ ماي سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، 20 مىليوندىن كۆپرەك سېرىق بەلگىلىك ئاپتوموبىل ۋە كونا ئاپتوموبىلنى شاللىۋەتتۇق. نۇقتىلىق ھەۋزە ۋە دېڭىز تەۋەلىكىدىكى سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم ئۇنى تۈزەشنى كۈچەيتتۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىش مىقدارىنى ئەسلىي سەۋىيەدە تىزگىنلىدۇق.

   (9) ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى تىرىشىپ كۈچەيتتۇق ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق ياراتتۇق

  ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق.

  95 قانۇننى ۋە 195 مەمۇرىي نىزامنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تۈزۈشى ۋە تۈزىتىشىگە سۇندۇق، نۇرغۇنلىغان تارماق قائىدىسىنى تۈزەتتۇق، بىكار قىلدۇق.

  (10) مىللەتلەر خىزمىتى، دىن خىزمىتى، چياۋمىنلار خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەر ئىجادكارلىق بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى

  (11) پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىكىدە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى

  (12) شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن خىزمىتىدە يېڭى نەتىجە قولغا كەلدى

  (13) جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى

  2017- يىلىدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي نىشان- ۋەزىپىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئورۇندالدى ھەمدە كۆزلىمىدىن ياخشى بولدى

  ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %6.9 ئاشتى

  ئاھالىنىڭ كىرىمى %7.3 ئاشتى

  ئېشىش سۈرئىتى 2016- يىلىدىكىدىن تېز بولدى

  شەھەر- بازارلاردا 13 مىليون 510 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى

  ئىشسىزلىق نىسبىتى كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى

  سانائەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى قايتا ئۆرلىدى، كارخانا پايدىسى %21 ئاشتى

  مالىيە كىرىمى %7.4 ئاشتى

  ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ قېلىش ھالىتى ئۆزگەرتىلدى

  ئىمپورت- ئېكسپورت %14.2 ئاشتى

  ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ 136 مىليارد 300 مىليون دوللار بولدى

  تارىختا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

  ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئېشىش بىلەن سۈپەت، قۇرۇلما، ئۈنۈم بىر- بىرىگە تۈرتكە بولىدىغان ياخشى ھالەت بارلىققا كەلدى

 بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي تەلىپى

  بۇ يىل پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلى، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەنلىكىنىڭ 40 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، 13- بەش يىللىق يىرىك پىلاننى جىپسىلاشتۇرۇپ يولغا قويۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت خىزمەت باش رىتىمىدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى چىڭ ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش تەلىپى بويىچە «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەڭكەش ئىلگىرى سۈرۈپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەشنى يېڭىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بولۇپمۇ چوڭ خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە پۇختا ئىلگىرىلەپ، كۆزلىمىنى يېتەكلەپ ۋە تۇراقلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

  2018- يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى

  ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %6.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش

  ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىنى %3 ئەتراپىدا تىزگىنلەش

  شەھەر- بازارلاردا 11 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر- بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.5تىن، شەھەر- بازارلاردا تىزىمغا ئېلىنغان ئىشسىزلارنىڭ نىسبىتىنى %4.5تىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك

  ئاھالە كىرىمىنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭ قەدەمدە ئاشۇرۇپ بېرىش

  ئىمپورت- ئېكسپورتنى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاپ، خەلقئارا كىرىم- چىقىمنى ئاساسەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش

  بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %3تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىپ، ئاساسلىق بۇلغىمىلارنىڭ چىقىرىلىشىنى داۋاملىق ئازايتىش

  تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا ماھىيەتلىك نەتىجە ھاسىل قىلىش، ماكرو پىشاڭ نىسبىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن ساقلاپ، تۈرلۈك خەۋپ- خەتەردىن ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

  مالىيە ۋە پۇل سىياسىتى

  ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتمەي، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرىمىز. بۇ يىللىق قىزىل رەقەم %2.6 ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇلتۇرقى خامچوتتىكىدىن 0.4 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىتىلدى

  مالىيە قىزىل رەقىمى 2 تىرىليون 380 مىليارد يۈەن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مالىيە چىقىمى 21 تىرىليون يۈەن

  بۇ يىللىق خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرىمىز

  يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىمىز

2018-يىللىق خىزمەتلەرگە تەكلىپ

      تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز

  ● يېڭى قۇۋۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز ۋە زورايتىمىز

  ● ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز

  ● ئۈنۈمسىز تەمىناتنى داۋاملىق تۈگىتىمىز


  بۇ يىل يەنە تەخمىنەن 30 مىليون توننا پولات- تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قىسقارتىلىدۇ، تەخمىنەن 150 مىليون توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى چېكىندۈرۈلىدۇ، ئۆلچەمگە يەتمەيدىغان 300 مىڭ كىلوۋاتلىقتىن تۆۋەن كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى شاللىنىدۇ ۋە تاقىلىدۇ.

  ● «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز

  ● كارخانىنىڭ باج- سېلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يەڭگىللىتىمىز


  پۈتۈن بىر يىلدا كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ يەنە 800 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق بېجىنى كېمەيتىمىز.

  ● كارخانىنىڭ باجدىن باشقا يۈكىنى زور دەرىجىدە ئازايتىمىز

  پۈتۈن بىر يىلدا بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ 300 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك باجدىن باشقا يۈكىنى ئازايتىمىز.

  ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىمىز

  ● دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز

  ● يېڭىلىق يارىتىشنى رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز

  ● ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز


  ئۇل خاراكتېرلىك ئاچقۇچلۇق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز

  ● دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىمىز

  ● پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايمىز

  ● مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى ۋە مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇش يولى بىلەن تەقسىملەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز

  ● مالىيە- باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز

  ● پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىمىز

  ● ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىمىز

  ● ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز


  ئۈچ چوڭ جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىمىز

  ● چوڭ خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە روشەن ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىمىز

  بۇ يىل جايلارنىڭ مەخسۇس زايومىنى 1 تىرىليون 350 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇلتۇرقىدىن 550 مىليارد يۈەن كۆپەيتتۇق، تۇتۇش قىلىنىۋاتقان تۈرلەرنىڭ سىلىق ئېلىپ بېرىلىشىنى ئالدىن قوللاپ، مەخسۇس زايوم ئىشلىتىش دائىرىسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىمىز. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ياخشى، سىياسەت قورالى كۆپ، سىستېمىلىق خەۋپ يۈز بەرمەسلىكنىڭ تۆۋەن چېكىنى تامامەن ساقلاپ قالالايمىز.

  ● نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز

  بۇ يىل يەنە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى 10 مىليوندىن كۆپرەك ئازايتىپ، 2 مىليون 800 مىڭ كىشىنى كۆچۈرۈپ يۆلەشنى تاماملايمىز.

  ● بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتە تېخىمۇ زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئالغا سىلجىتىمىز

  كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنىڭ نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، بۇ يىل گۈڭگۈرت Ⅳ ئوكسىدى، ئازوت ئوكسىد چىقىرىش مىقدارىنى %3 تۆۋەنلىتىمىز، نۇقتىلىق رايونلاردا ئۇششاق دانچىلەر (PM2.5) نىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىمىز. خىمىيەلىك ئوكسىگېن مىقدارى، ئاممىياكلىق ئازوت چىقىرىش مىقدارىنى %2 تۆۋەنلىتىمىز. 100 مىليون مودىن ئارتۇق ئورمان بىنا قىلىشنى تاماملاپ، تېرىلغۇ يەرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش، شۈدىگەرلەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش كۆلىمىنى 30 مىليون موغا يەتكۈزىمىز.

  يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويىمىز

  ● يېزا ئىگىلىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىمىز

  80 مىليون مودىن ئارتۇق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزنى، 20 مىليون مو ئۈنۈملۈك تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمىنى يېڭىدىن كۆپەيتىمىز.

  ● يېزا ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىمىز

  ● تۈرلۈك يېزا ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز

  سۇ، توك بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۇچۇر قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاپ، 200 مىڭ كىلومېتىر يېزا يولىنى يېڭىدىن ياسايمىز ۋە ئۆزگەرتىمىز.

  رايونلار تەڭكەش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز

  ● رايون تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ھاسىل قىلىمىز

  ● يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز


  بۇ يىل يەنە 13 مىليون ئادەمنى شەھەر نوپۇسىغا ئېلىپ، يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى تېزلىتىمىز.

  ئىستېمالنى پائال كېڭەيتىمىز ۋە ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرىمىز

  ● ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئۇللۇق رولىنى كۈچەيتىمىز

  يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يەنە ئۈچ يىل ئۇزارتىمىز، نىمكەش ئاپتوموبىلغا چەك قويۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرىمىز.

  ● سېلىنمىنىڭ تەمىنات قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرىمىز

  بۇ يىل تۆمۈريولغا 732 مىليارد يۈەن، تاشيول ۋە سۇ قاتنىشىغا 1 تىرىليون 800 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا مەبلەغ سېلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندايمىز، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ سېلىنما كۆلىمىنى 1 تىرىليون يۈەنگە يەتكۈزىمىز. مەركەز خامچوتىدىن 537 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇلتۇرقىدىن 30 مىليارد يۈەن كۆپەيتىمىز.

  ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىمىز

  ● «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىمىز

  ● چەت ئەل سودىگەرلىرى سېلىنمىسىنىڭ مۇقىم ئېشىپ بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز


  بانكا، ئاكسىيە، فوند باشقۇرۇش، زاكاز مال، پۇل مۇئامىلە مۈلكىنى باشقۇرۇش قاتارلىق چەت ئەل مەبلىغى پاي نىسبىتىگە قويۇلىدىغان چەكلىمىنى قويۇۋېتىمىز ياكى بىكار قىلىمىز.

  ● تاشقى سودىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ھالىتىنى مۇستەھكەملەيمىز

  ئېكسپورت، كىرېدىت، سۇغۇرتىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى كېڭەيتىپ، ئومۇمىي تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتىنى يەنە ئۈچتىن بىر قىسىم قىسقارتىمىز. تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت يەرمەنكىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئاپتوموبىل، قىسمەن كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىمىز.

  ● سودا ۋە سېلىنمىنىڭ ئەركىنلىشىشى، قولايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز

  خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز

  ● ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش- ئىگىلىك تىكلەشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىمىز

  ● ئاھالىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى مۇقىم ئۆستۈرىمىز

  ● ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپنى راۋاجلاندۇرىمىز

  ● ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويىمىز


  ئاھالىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن كىشى بېشىغا بېرىلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى يەنە 40 يۈەن كۆپەيتىمىز، بۇنىڭ يېرىمى ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

  ● ئاممىنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىمىز

  كەپە ئۆي رايونلىرىنى ئۆزگەرتىشنىڭ يېڭى ئۈچ يىللىق جەڭ پىلانىنى يولغا قويۇپ، بۇ يىل 5 مىليون 800 مىڭ يۈرۈش تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلايمىز.

  ● خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چەك كاپالىتىنى كۈچەيتىمىز

  ● جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق تۈزەش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئەندىزىسىنى ھاسىل قىلىمىز

  ● خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى مول مەنىۋى ئوزۇققا ئىگە قىلىمىز


  ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز

  ● ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى ۋە قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز

  ● پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىمىز

  ● ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز


  مىللەتلەر خىزمىتى، دىن خىزمىتى، چياۋمىنلار خىزمىتى

  ● مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىمىز

  ● پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرىمىز

  ● چياۋمىنلار خىزمىتى سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرىمىز


  دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى

  ● جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ھەربىي تەلىم ۋە جەڭ ھازىرلىقى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي، كۈچلۈك قوغدايمىز

  شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن خىزمىتى

  ● «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈمنى يولغا قويۇش» فاڭجېنىنى داۋاملىق تۈردە ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىش قىلىشتا ئاساسىي قانۇنغا ۋە نېگىزلىك قانۇنغا قاتتىق ئەمەل قىلىمىز

  ● تەيۋەن خىزمىتىگە قارىتىلغان مۇھىم سىياسەت- فاڭجېنلارنى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىمىز


  تىنچ تەرەققىيات يولىدا باشتىن- ئاخىر تەۋرەنمەي ماڭىمىز

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى