تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكەبولۇپ،نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 5 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 – ئاينىڭ 5 – كۈنى چۈشتىن كېيىن 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان، ئۆزى تۇرۇشلۇق ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەننىڭ شىمالىدىكى بۇ چېگرا رايوننى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ يىغىن زالىغا كىرگەندە زالدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. موڭغۇل ۋەكىل شى جىنپىڭغا كۆڭ رەڭلىك خاداك ھەدىيە قىلدى. شى جىنپىڭ ۋەكىللەرنىڭ ۋە ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى، 25 مىليوندىن ئارتۇق يايلاق پەرزەنتىنىڭ ئىت يىلىدا تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  لى جىخېڭ، بۇ شياۋلىن، جاۋ خۈيجيې، مېڭ خې، مېڭ شيەندۇڭ، لى سۈيجى، گۇڭ مىڭجۇ، لى چۈەنۋېندىن ئىبارەت سەككىز ۋەكىل گۈزەل ئىچكى موڭغۇل ۋە ئۈلگىلىك ئاپتونوم رايون قۇرۇش، يېڭى دەۋر يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىش، ئېكولوگىيەلىك ساياھەت كەسپىنى بەرپا قىلىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، باشلامچى كارخانىلار بىلەن دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئورتاق پايدا ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بايلىق تىپىدىكى رايونلارنىڭ كونا، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىغا تۈرتكە بولۇش، دۆلەت كارخانىلىرى ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ ئاڭلاپ خاتىرە قالدۇرغاچ، پات – پات سوئال سورىدى.

  شى جىنپىڭ ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر قاتار تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى گەۋدىلەندۈرۈلدى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئەكس ئەتتۈرۈلدى، ئۆتكەن بەش يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى ئەھۋالى ۋە نەتىجىلەر ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ نىشان – ۋەزىپىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، دەپ تەكىتلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىچكى موڭغۇل ئېلىمىزدە ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان مىللىي ئاپتونوم رايون، پارتىيەنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ئەڭ بالدۇر يولغا قويۇلغان جاي، ئۇ ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتى ياخشى ئىشلەنسە، پۈتۈن مەملىكەتتە، خەلقئارادا ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ. شى جىنپىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئىچكى موڭغۇلنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشلاردا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئىچكى موڭغۇلدىكى يولداشلارنىڭ تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى پۇختا ھەل قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يەنە يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا ئۆتتى. ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى زور دەرىجىدە ئۆزگىرىپ، ئاھالە ئىستېمالى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، يېڭىلىق يارىتىش جانلىنىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، مۇبادا تەپەككۇر ئۇسۇلى بۇرۇنقى كونا ئىزدا توختاپ قالسا، چىقىش يولى تېپىش تەسكە توختىغاندىن باشقا، ياخشى پەيتنى قولدىن بېرىپ قويىمىز. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم نۇقتىنى كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا قويۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئەمەلىي ئىشلەش، كۈچەيتىش ۋە سەرخىللاشتۇرۇش كېرەك. مەۋقەنى ئەۋزەللىككە قويۇپ، يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر كۆپ، گۈللەنمە كەسىپلەر ئاز بولۇش، تۆۋەن تېخنىكىلىق كەسىپلەر كۆپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئاز بولۇش، بايلىق تىپىدىكى كەسىپلەر كۆپ، يۇقىرى ئاشۇرما قىممەت يارىتىغان كەسىپلەر ئاز بولۇش، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر كۆپ، پەن – تېخنىكا كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر ئاز بولۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كۆپ مەنبەلىك راۋاجلانغان، كۆپ قۇتۇپ تىرەك بولغان زامانىۋى كەسىپلەر يېڭى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولىدىغان، رايون ئارا ماسلاشقان، شەھەر – يېزا بىر گەۋدە قىلىنغان تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، دۇنيا ئېنېرگىيە تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، كەسىپلەر زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى كەسىپلەر، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، زامانىۋى جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى ماتېرىيال، بىيو دورا، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق گۈللەنمە كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك، ئارمىيە خەلق يۇغۇرما كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قەرزىنى تولۇقلاپ، دۆلەتنىڭ شىمالغا ئېچىۋېتىلگەن مۇھىم كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بايلىق ئامىلىنى تەقسىملەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بوشلۇقى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، مەركەزلەشتۈرۈش، توپلاشتۇرۇش ۋە كۆجۈملەشتۈرۈش تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئېشىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. قەرز خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، قەرز خەپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش ئېڭىنى چىڭىتىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى تۈزەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، بېيجىڭ – تيەنجىن قۇم – بوران مەنبەسىنى تۈزەش، ‹‹ئۈچ شىمال›› ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى، تەبىئىي ئورماننى قوغداش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، سۇ ۋە تۇپراقنى ساقلاش قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇشنى ئىنچىكە تەشكىللەپ، ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، چارۋا بېقىشنى چەكلەش، چارۋا بېقىشنى توختىتىپ تۇرۇش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ياخشى يولغا قويۇپ، خۇلۇننۇر كۆلى، ئۇلانسۇخا، دەيخەي قاتارلىقلارنىڭ سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى تېزلىتىپ، چۆللىشىشنى تۈزەش ۋە سۇلۇق يەرنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي رايونىدا 10 مىڭ چاقىرىملىق يېشىل سەددىچىن سېپىلى بەرپا قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن تولۇق قۇتۇلدۇرۇش، ھەممە نامرات ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى تولۇق چۆرۈپ تاشلاش بەلگە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچ ھېسابلىنىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش، نامرات ئاھالە مەركەزلەشكەن يېزا (سۇمۇل)، كەنت(گاچا)لەردە نامراتلىقنى تۈگىتىش ئاچقۇچ. تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، نامرات ئاھالە مەركەزلەشكەن يېزا(سۇمۇل)، كەنت(گاچا)لەرنى كۆزلەپ، كەسپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھە، جامائەت مۇلازىمىتى، داۋالاش كاپالىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ئېغىر كېسەللەرنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. كۆز ئالدىدىكى مەسىلىنىمۇ ياخشى ھەل قىلىش، تېخىمۇ مۇھىمى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئۇزاق مەزگىللىك مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، يېزا – كەنت، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا كەسىپلىرى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا ماس كېلىدىغان، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ياشاش ماكانىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى قۇرۇش كېرەك. بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى بويىچە ئىستىل قۇرۇلۇشى يىلى. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىش، خىيانەت قىلىش قىلمىشلىرىنى قىلچە كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالاش كېرەك. ئامما نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىدىكى بەزى شەكىلۋازلىق، بىيۇكراتلىق، ساختىپەزلىك قىلمىشلىرىدىن ئىنتايىن بىزار، بۇنى ئەستايىدىل ھەل قىلىش كېرەك.

   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاساس. مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ نەزەرىيە مەنبەسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى تەربىيەسىنى ياخشى ئىشلەش، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇپ چىقىش ئاساس. ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەننىڭ چېگراسىنى ئورتاق قوغداپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ، ئۇنى مىللەتلەر ئارىسىدا زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش، يەسلىدىن باشلاپ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىدىن ئوزۇق ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ۋاسىتە ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، تور ۋە تور سىرتىنى ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە، جۇڭخۇا مىللىتىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشتەك مۇستەھكەم مەنىۋى رىشتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك مەنپەئەت زىددىيەتلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ۋەتەننىڭ شىمالىدىكى بىخەتەرلىك، مۇقىملىق توسۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.