تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››نى قاراپ چىقتى

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆزقىلدى، ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ سۆز قىلدى

  ياۋ تۇڭ، لى ياڭ، شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 3 – ئاينىڭ 5 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››نى قاراپ چىقتى.

  شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتارلىقلار سۆز قىلدى. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جاۋ كېجى يىغىنغا قاتنىشىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

  قاراپ چىقىش يىغىن مەيدانىنىڭ كەيپىياتى قىزغىن بولدى، ۋەكىللەر بەس – بەستە سۆز قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››نى تامامەن قۇۋۋەتلەيمىز. ئۆتكەن بەش يىل دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە بەش يىل بولدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەر تەرەپلىمە، ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، چوڭقۇر قاتلاملىق، تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ۋەكىل چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى. بىز ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، يادرونى تونۇش، يادرونى قوغداش، يادروغا بويسۇنۇش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دىن ساھەسىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى ياخشى قۇرۇپ چىقىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  ۋەكىل ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق دېدى: دوكلات ئوبيېكتىپ، ئەمەلىي، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان دوكلات بوپتۇ، مەن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەپ، ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىپ، توغرا تەدبىر بەلگىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ‹‹جۇڭگودىكى تىنچلىق›› بىلەن ‹‹غەربتىكى مالىمانچىلىق›› ئوتتۇرىسىدا روشەن سېلىشتۇرما شەكىللەندى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدا چىقارغان مۇھىم ھۆكۈملىرى، ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا بەلگىلىگەن مۇھىم تەدبىرلىرى، ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئىدىيە ۋە ئۇسۇلى توغرىسىدىكى مۇھىم تەڭشەشلىرى ئەمەلىي سىناقلارغا بەرداشلىق بەردى، پۈتۈنلەي توغرا بولدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئەتراپلىق پىلانلاپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش؛ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش؛ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش؛ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىش ۋە زامانىۋىلاشقان ئىگىلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كۈلپەت ئېڭى، خەۋپ ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك، بولۇپمۇ شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل، كاللىنى باشتىن – ئاخىر سەگەك تۇتۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يادرو بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يۆنىلىش بەلگىلەپ، يول باشلاپ ماڭغانىكەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكلىشى بولغانىكەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغانىكەن، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا جەزمەن بالدۇر يېتەلەيمىز، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

  ۋەكىل شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قوللايمەن. دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇلغان، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلغان، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكى تولۇق نامايان قىلىنغان، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ئىدىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكى نامايان قىلىنغان بولۇپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلەر ئوبيېكتىپ خۇلاسىلەنگەن، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشتەك يېڭى دەۋر ھۆكۈمەت خىزمىتى زىچ چۆرىدەلگەن بولۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا تامامەن ئۇيغۇن، دوكلات ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى چوقۇم كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا باشتىن – ئاخىر مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى ئاساسىدا، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك كۆزلىمە نىشاننى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلىشىمىز كېرەك.

 ۋەكىل شاۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى باشتىن – ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ›› ۋە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ھەم مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىش گەۋدىلىك نامايان قىلىنىپتۇ، كۈچلۈك مەسىلە ئېڭى ۋە ئەمەلىي ئىشلەپ ئەلنى گۈللەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىش نامايان قىلىنىپتۇ، مەن بۇنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئۆتكەن بەش يىلدا، ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. بىزنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈشكە ئىشەنچىمىز، ئىرادىمىز بار.

  ۋەكىل سۈن جىنلۇڭ مۇنداق دېدى: دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى باشتىن – ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ خۇلاسىلىنىپ، ۋەزىيەت چوڭقۇر، تولۇق ئانالىز قىلىنىپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەقىقىي بولۇپتۇ، مەن بۇنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. دوكلاتنى قاراپ چىقىش ئارقىلىق، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ھەقىقىي كۈچىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم، ‹‹تۆت ئاڭ››، ‹‹تۆت ئىشەنچ››كە بولغان تونۇشۇم تېخىمۇ كۈچەيدى. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە بىڭتۈەننىڭ ئورنىنى بەلگىلەش تەلىپىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ياخشى تۇتۇپ، ‹‹ئۈچ چوڭ فۇنكسىيە›› نى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، ‹‹تۆت چوڭ رول››نى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى باش نىشانى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن نەيىم ياسىن، ليۇ خەيشىڭ، شى داگاڭ، لى ۋېي، ما شۆجۈن، لو دۇڭچۈەن، پېڭ جيارۈي، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەسقەت كەرىمباي يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.