شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 5 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، تۆۋەندىكى چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى:
1. ما چاۋشۈ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىش باشقارمىسى ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلىلىك، ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛
يۈ جيەنخۇا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىش باشقارمىسى ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ تەيىنلەندى.
2. ليۇ جيېيى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلىلىك، ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛
ما چاۋشۈ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ تەيىنلەندى.
3. ما مىڭچياڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باڭلادىش خەلق جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛
جاڭ زو جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باڭلادىش خەلق جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ تەيىنلەندى.
4. سۈن لىجيې جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛
جياڭ يەن (ئايال) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ تەيىنلەندى.
5. ۋېي رۈيشىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ لىتۋا جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛
شېن جىفېي جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ لىتۋا جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ تەيىنلەندى.
6. جاڭ ۋېيدۇڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىسلاندىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛
جىن جىجيەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىسلاندىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ تەيىنلەندى.