تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 600 مېيىپ بالا ھەقسىز قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇردى

  جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 5-كۈنى شىنجاڭ مېيىپلار بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلىتىمىز 2009-يىلى «رەڭدار ئارزۇ ھەرىكەت پىلانى» نى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاڭلاش ئىقتىدارى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچرىغان 600 بالا ھەقسىز قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىش سىياسىتىدىن نەپكە ئېرىشىپ، ئاڭلاش ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلىپ، ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى ۋە يېتەكلەشتىن كېيىن يەسلى ۋە مەكتەپلەرگە كىرىپ نورمال بالىلاردەك پائالىيەت ئېلىپ بارالايدىغان بولغان.

  شىنجاڭ مېيىپلار بىرلەشمىسى سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاۋ شۆليەن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەر يىلى ئاپتونوم رايونىمىزغا ھەقسىز قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرىدىغان 104 سان بېرىلىدۇ.  بارلىق قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىراجەتلىرى مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان بالىلارغا قارىتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئېلىپ بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئائىلە باشلىقلىرى جۇڭگو ئاڭلاش ۋە سۆزلەش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تورى ئارقىلىق توردا ئىلتىماس سۇنسىمۇ بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى