تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

نىكاھ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

    نىكاھنى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ زور بەخت دەپ قارايدۇ، لېكىن ئەڭ زور ئازاب دېگۈچىلەرمۇ يوق ئەمەس. بۇنىڭدىن نىكاھنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بەزىلەر ئالدىراپ-تېنەپ توي قىلىپ نىكاھتىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ، تۇرمۇشتىن بىزار بولىدۇ. ئەگەر توي قىلماقچى بولغان ئىككى تەرەپ توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئوبدان ئويلانغان، نىكاھقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغان بولسا، نىكاھ تۇرمۇشى كۆڭۈللۈك ۋە بەختلىك بولغان بولاتتى، ئۇنداقتا نىكاھ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

    بىرىنچى، ئەركىنلىك ئازىيىدۇ. مۇھەببەت ئوتىدا كۆيۈۋاتقان قىز-يىگىتلەر بىر-بىرىگە قىيالمايدۇ، ئۇلار تويدىن كېيىن مۇراد-مەقسىتىگە يېتىپ، دائىم بىللە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، چەكلىمىنىڭمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى سېزىدۇ، گاھىدا، بەزى ئەركىنلىكلەردىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇلارنى سىز قوبۇل قىلالامسىز؟

    ئىككىنچى، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا، يەنى ئائىلە مەسئۇلىيىتى، جورا مەسئۇلىيىتى، بالا مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. بويتاق ۋاقىتتا ئاتا-ئانىسىغا تايانغان بولسا، نىكاھلانغاندىن كېيىن ئائىلىنى بېقىش مەسئۇلىيىتىنى، جورىسىغا كۆيۈنۈش، ئۇنى بەختلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. بالىلىق بولغاندا، نەچچە يۈز ھەسسىلەپ جاپا چېكىشكە توغرا كېلىدۇ. سىز بۇلارنى ئۈستىڭىزگە ئېلىشنى خالامسىز؟

    ئۈچىنچى، ئادەتتىكىدەك تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى قىزغىن ھېسسىيات سۇسلىشىپ، تۇرمۇش ئاددىيلىشىدۇ، ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار كۆپىيىدۇ. سىز مۇشۇنداق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالامسىز؟

    ناۋادا سىز مۇشۇلارغا چىدىسىڭىز، نىكاھنى تولۇق چۈشەنگەن، نىكاھقا تولۇق تەييارلىق كۆرگەن بولىسىز، نىكاھ بەختلىك ھاياتىڭىزنىڭ مۇقەددىمىسى بولىدۇ.

                                                                                                                                                                  «گۈزەل ئايال، بەختلىك ئائىلە» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك كىتابتىن ئېلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى