تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

قان ئازلىق ئاياللاردا تۇغماسلىقنى پەيدا قىلامدۇ؟

     قېنى ئاز ئاياللار قان ئازلىقنىڭ ھامىلىدار بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەڭ ئەنسىرەيدۇ. ئاياللارنىڭ قان ئازلىق بىلەن تۇغماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە بولغان سوئاللىرىغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن مۇخبىرلار گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك 2-جۇڭيىچە دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇاڭ خەنچاۋنى زىيارەت قىلدى.
    مۇخبىر: قان ئازلىق تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟
    خۇاڭ خەنچاۋ: قان ئازلىقنىڭ تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ناتايىن، ئەمما ھامىلىدار قىيىن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى قان بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. قان كۆپ بولسا ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، ئەكسىچە ھامىلىدار بولۇش قىيىنغا توختايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، قېنى ئاز ئاياللار ھامىلىدار بولغاندا ئاسانلا بويىدىن ئاجىراپ كېتىش، تۆرەلمە تەۋرەپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. قان ئازلىق ئاياللارنىڭ ئانا بولالىشى ياكى بولالماسلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. قان ئازلىقنىڭ ئاياللارغا بولغان تەسىرى ئەرلەرنىڭكىدىنمۇ زور. شۇڭا ئاياللار قان تولۇقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
  

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى