تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[بەختلىك كۈرەش قىلغۇچىلار] مەمتىلى مەتتۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ «بەخت نانلىرى»

  ئىلاۋە: «بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ»، «كۈرەش قىلىشنىڭ ئۆزى بىر بەخت»، «يېڭى دەۋر كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ دەۋرى»... رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2018-يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىدىكى سۆزىگە «كۈرەش» تىن ئىبارەت بۇ دەۋر باش تېمىسى مەركەزلەشكەن، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى مۇجەسسەملەنگەن.

  تىيانشان تورىمىز «بەختلىك كۈرەش قىلغۇچىلار» تېمىسىدا چاتما خەۋەرلەر ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى جانلىق ھېكايىلىرى، يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ يېڭىچە قىياپىتى، يېڭىچە مۇۋەپپەقىيەتلىرى، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، خالىس تۆھپە قوشۇش روھى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇۋاتقان شىنجاڭ ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ نەمۇنىلىك ھېكايىلىرىنى سۆزلەيمىز.

  تىيانشان تورى مۇخبىرىمىز ما شاۋبىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جيا شىننۇڭ، سۇڭ لېي خەۋىرى، فوتوسى: 3-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن، تونۇر ئالدىدا تاغدەك دۆۋىلەنگەن نانلىرىغا قاراپ، 29 ياشلىق مەمتىلى مەتتۇرسۇننىڭ چىرايىدا بەخت كۈلكىلىرى جىلۋىلەندى.

  مەمتىلى مەتتۇرسۇن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسى توغراغاز يېزىسى باش قۇمباغ كەنتىدىكى بىر ناۋايخانىنىڭ خوجايىنى بولۇپ، ئۇ شۇ كەنتتىكى شەھەر كۆرگەنلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

  ئۇنىڭ ئەينى يىلىدىكى كىچىك شاگىرىتتىن، ھازىرقى 35 ئىشلەمچسى بار، كۈندە 10 مىڭ دانە نان ياقىدىغان ناۋايخانا خوجايىنىغا ئايلىنىشى مەمتىلىنىڭ قەدەممۇقەدەم تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.

   ئۇ ئىلگىرى شاڭخەيدە ناۋايچىلىق قىلغان

  مەمتىلى تولۇقسىزنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، كېرىيە ناھىيەسىگە بېرىپ ناۋايچىلىقنى ئۆگەنگەن بولۇپ، شاگىرىت بولغان ئىككى يىل جەريانىدا ئۇ تىرىشچانلىقى ۋە چىدامچانلىقى بىلەن بارلىق ماھارەتلەرنى ئىگىلەپ بولغان ئىدى.

  2009-يىلى مەمتىلى بىر يۇرتدىشى بىلەن شاڭخەيگە بېرىپ ناۋايچىلىق قىلىپ، ھەر ئايدا 2000 يۈەن مائاش ئالدى. بىرقانچە ئاي ناۋايچىلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە قۇرۇق يەل-يېمىش ۋە كاۋاپ ساتتى.

  شاڭخەيلىكلەرنىڭ چېچەنلىكى ۋە بۇ چوڭ شەھەرنىڭ ئاۋاتلىقى ئۇنىڭ زوقىنى كەلتۈرگەن ئىدى. مەمتىلى شاڭخەينىڭ يەرلىك شىۋىسىنى ئۆگىنىپ، شۇ يەردە سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكتى.

  مەمتىلى شاڭخەيدە كۆڭلىگە شۇنداق پىلانلارنى پۈككەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاتا-ئانىسى تېلېفون قىلىپ، قايتىپ كېلىشىنى ئېيتتى.

  «ئاتا-ئانام ياشىنىپ قالغان، قېرىنداشلىرىم توي قىلىپ بولغان ئىدى، ئاتا-ئانام ماڭا ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇشۇمنى ئېيتتى» دېدى مەمتىلى، ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ تەلىپى بىلەن، يۇرتىغا قايتىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچ، ناۋايچىلىق قىلىشنى باشلىۋەتتى.

  بىر يىلدىن كېيىن، مەمتىلى توي قىلىپ، زىممىسىدىكى يۈكنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

  مەمتىلى ئەتتىگەندە ئايالى بىلەن ئۆيىدە نان يېقىپ، چۈشتىن كېيىن ناھىيە، بازارلارغا ئاپىرىپ ساتاتتى. ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ ئايلىق كىرىمى 3000 يۈەندىن كۆپرەك بولدى.

  ئوخشىمىغان ناننى ساتمايمىز

  مەمتىلىنىڭ ياققان نانلىرىنىڭ ئوخشايدىغانلىقىنى كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئوبدان بىلەتتى.

  2017-يىلى 6-ئايدا ئۇ كەنت كادىرلىرىدىن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كەنتتە «دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى» قۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن مەمتىلى شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش قۇمباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئابلەت ئابلانى ئىزدەپ، ئۆزىنىڭمۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپ قۇرغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى.

  «ئەترەت باشلىقى ئابلەت مېنىڭ تەكلىپىمگە قوشۇلدى، تېخى ئوڭۇشلۇق بولسا، تاۋار ماركىسى تىزىملىتىپ، داڭلىق ماركا ياراتقىلى بولىدىغانلىقىنى، كىچىك سودا بىلەن چوڭ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى» دېدى مەمتىلى، شۇ كۈنى مەمتىلى تولىمۇ خۇشال بولدى.

  «خۇيمىنشىن» دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن كېيىن، ئۇ ھەر كۈنى قۇرۇلۇش مەيدانىغا بېرىپ ئايلىنىپ تۇردى. ئۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپنىڭ ئورنىنىڭ ياخشى جايغا جايلاشقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە: «ئادەملەر كۆپ ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بۇ جايغا ناۋايخانا ئاچسام، سودام چوقۇم ياخشى بولىدۇ» دەپ ئويلىدى.

  ئۈچ ئايدىن كېيىن مەمتىلىنىڭ خاتا ئويلىمىغانلىقى ئىسپاتلاندى. ناۋايخانا ئېچىلىشى بىلەن، ئۇ بىر خوجايىننىڭ كۈنىگە مىڭدىن ئارتۇق نان زاكىزىنى تاپشۇرۇۋالغان ئىدى، بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ ئىلگىرىكى بازاردا 300، 400 نان ساتقىنىدىن ياخشى ئىدى.

  مۇقىم سودا يولى ۋە كىرىمى بولغاندىن كېيىن، ئۇ كەنتتىكى نان ياقالايدىغان، ئۆيىدە قىيىنچىلىقى بار ئون نەچچە ئايالنى ئىشلەمچىلىككە قوبۇل قىلدى.

  ئۇنىڭ ئىشلەمچىلەرگە بولغان تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، كۈندە يېقىلغان ناننى ئاۋۋال ئۆزى تېتىپ باقاتتى، تەمى ياخشى بولمىسا، قەتئىي ساتقۇزمايتتى.

  «كېرىيەدە ناۋايخانا شۇنچە كۆپ، نېمىشقا كىشىلەر بۇ يەردىن نان ئالىدۇ؟ بىزنىڭ نان باشقىلارنىڭ ياققان نېنىدىن تەملىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟» دەيتتى مەمتىلى ئىشلەمچىلىرىگە، بىز ھەربىر ئۇششاق ھالقىلارغا دىققەت قىلغاندا، رېتسېپ بويىچە يېقىشتا چىڭ تۇرساقلا، ئاندىن باشقىلارنىڭكىدىنمۇ تەملىك نان ياقالايمىز، دەيتى ئۇ.

   «قۇمباغ» ماركىسىنى يارىتىمىز

  كۈندە 4000 نان يېقىلاتتى، تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە ھەركۈنى 400 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم بولاتتى، شۇنىڭ بىلەن مەمتىلى يەنە ئىشلەمچى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى، ئۇ تونۇردىن ئالتىنى كۆپەيتتى، شۇنداق بولغاندا كۈندە 10 مىڭ دانە نان ياققىلى بولاتتى.

  ئابلەت ئابلا ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرگە ئۇ چىن كۆڭلىدىن مىننەتدار ئىدى. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە ئۇ كۈندە 4000 نان ساتتى. ئۇنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگىنى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلارنىڭ ئۇنىڭ ماركا يارىتىشىغا ئەقىل كۆرسىتىشى، ھەتتا «تاغامنىڭ نېنى»، «يۇمىلاق نان»... قاتارلىق ماركىلار ھەققىدە ئىزدىنىشىپ بەرگىنى بولدى.

  ئاخىرىدا، مەمتىلى ئابلەت ئابلا بىلەن مەسلىھەتلىشىپ «قۇمباغ» نامىنى قويۇشنى قارار قىلدى، بۇ ئۇنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كەنتنىڭ نامى ئىدى، بۇنىڭ بىلەن ماركا يارتىپلا قالماي، يەنە كەنتنىڭ نامىنىمۇ تارقاتقىلى بولاتتى. ئۇ ھازىر ماركا نامىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تاپشۇرۇپ، تەستىقلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدى.

  ناۋايخانىنىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشى بولماقتا ئىدى، مەمتىلى تاۋار ماركىسىنى ياراتقاندىن كېيىن، خوتەندە مەخسۇس نان سېتىش ئورنى تەسىس قىلىپلا قالماستىن، يەنە چىرايلىق ئورالمىلىق نانلارنى تور ئارقىلىق ئۈرۈمچى ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغىچە سېتىشنى كۆڭلىگە پۈكتى.

  «مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە مېنىڭ نېنىممۇ داڭلىق نان بولالايدۇ» دېدى مەمتىلى. ئۇ ئۆزىنىڭ نان يېقىش ماھارىتىگە، ئۆزىنىڭ نانلىرىغا ئىشەنچ باغلىغانىدى.

  ئەتتىرگۈل نان، ياڭاق نان، پىياز نان... مەمتىلى شۇنداق ھەرخىل نانلارنى ياقالايدىغان بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ تەملىك نانلارنى يېقىپ، نان يېقىشتىن نەتىجە يارىتىپ، ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن بەختلىك تۇرمۇش يارىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  «ھەممەيلەننىڭ ئارزۇسى بولۇشى كېرەك، شۇنداقلا ئارزۇ ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك، ئارزۇ يوق ھايات ئەھمىيەتسىز بولىدۇ، پەقەت كۈرەش قىلغاندىلا ھاياتىمىز بەختلىك، ئۇتۇقلۇق بولىدۇ» دېدى ئۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى