تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرىنى يوقۇتۇش ئۇسۇللىرى

    نۇرغۇن ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىن ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرى پەيدا بولغانلىقتىن ئازابلىنىدۇ، تۆۋەندە ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرىنى يوقۇتۇشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرىمىز.
    ھەرىكەت ئارقىلىق ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرىنى يوقۇتۇش ئۇسۇلى
    تۇغۇتتىن كېيىن ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن، ھەرىكەتنى كۆپ قىلىپ، ئورگانىزمنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. قورساق، يوتىنىڭ يان ئىچى، ساغرا ۋە كۆكرەكنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردم بېرىپ، ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرىنى يوقىتىدۇ. يوگا ئىشلەش، سۇ ئۈزۈش، ئاستا مېڭىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
    كوللاگېن ۋە ۋىتامىن C  تولۇقلاش ئارقىلىق ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرىنى يوقۇتۇش ئۇسۇلى
    يېمەكلىك ئارقىلىق كوللاگېنلىق ئاقسىل ۋە ۋىتامىن C تولۇقلىغاندا، ئىلگىرى ئۈزۈلگەن ئېلاستىكىلىق تالالار تېز ئەسلىگە كېلىدۇ. شۇڭا قوي، كالا پاچىقى قاتارلىق تەركىبىدە كوللاگېنلىق ئاقسىل ۋە ئالما، ئاپېلسىن قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن C مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك.
    سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش ئارقىلىق ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرىنى يوقۇتۇش ئۇسۇلى
    سالامەتلىكىمىزگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا، سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇنغاندا، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ئەسلىگە كېلىپلا قالماي يەنە، تېرە بېسىمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئېلاستىك تالالار ئاسان ئۈزۈلۈپ كەتمەيدۇ، ھەمدە ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
    تۇخۇم ئېقى بىلەن ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرىنى يوقۇتۇش ئۇسۇلى
    ئالدى بىلەن كىچىك قورساقنى پاكىز يۇيۇۋىتىپ ئون مىنۇت ئەتراپىدا ئۇۋۇلايمىز، ئاندىن تۇخۇم ئېقىنى سۈرۈپ ئون مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن تۇخۇم ئېقىنى پاكىز سۈرتۈۋېتىپ، ئارقىدىن يەنە قورساقنى ئۇۋۇلاپ بەرسەك، تېرىنىڭ ئوزۇقلۇقنى سۈمۈرۈشى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. تۇخۇم ئېقىغا مۇۋاپىق مىقداردا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرغاندا، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. چۈنكى زەيتۇن يېغىنىڭ تەركىبىدىكى مول ۋىتامىن E تېرىدىكى كوللاگېنلىق تالالارنىڭ قايتا ئۆسۈپ چىقىشىنى تېزلىتىدۇ، ۋىتامىن A بىلەن ۋىتامىن C تېرىدە قورۇق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تۇخۇم ئېقىنى سۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاق رەڭلىك پاختا رەخت بىلەن بەل ۋە قورساقنى تاڭىمىز. كۈندۈزى تېڭىپ، كەچتە تېڭىقنى يېشىۋېتىمىز، ئىككىنچى كۈنى تېڭىقنى ئالماشتۇرىمىز.
    نۇر بىلەن ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرىنى يوقۇتۇش ئۇسۇلى
    ئادەتتىكى نۇر بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىدا، ھەر قېتىملىق داۋالاش دائىرىسى بىرلا ئورۇنغا مەركەزلەشكەن بولىدۇ، ئەگەر ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرىنىڭ دائىرىسى بىر قەدەر چوڭ بولسا، كۆپ قېتىم داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا ئاسانلا تارتۇق قالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى