تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

ئاياللار تويدىن كېيىنمۇ سېھرىي كۈچىنى ساقلىشى كېرەك

    بەزى ئاياللار تويدىن كېيىن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويماي، ھورۇنلۇق قىلىپ ئېرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ. «بۇرۇنقى گۈزەل، پاكىز، مۇلايىم قىز نەگە كەتتى؟» نىكاھىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ئويلىغان ئايال سېھرىي كۈچىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

    بىرىنچى، تەن ساغلاملىق ۋە پاكىزلىقنى ساقلاش كېرەك. ساغلاملىق گۈزەللىكنىڭ ئاساسى. ئەگەر ئاياللارنىڭ تېنى ئاجىز، روھى چۈشكۈن بولسا، ئۇپا-ئەڭلىك كېسەل چىرايغا دالدا بولالمايدۇ. خىزمەت ئالدىراشلىقى ۋە تۈگىمەس ئائىلە ئىشلىرى ئاياللارنى ئاسانلا ھاردۇرۇپ قويىدۇ، ئىچىنى سىقىدۇ، شۇڭا ئاياللار ئۆزىنى ياخشى كۈتۈشى، ياخشى تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈشى، يېمەك-ئىچمەككە ئەھمىيەت بېرىشى، قېنىپ ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    ئىككىنچى، تاشقى قىياپەت ۋە كىيىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بەزى ئاياللار تويدىن كېيىن ئىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئۆزىنى تاشلىۋېتىپ، ئېرىنى جەلىپ قىلىش كۈچىدىن مەھرۇم قالىدۇ.

    ئۈچىنچى، خۇشال-خۇرام كەيپىياتنى ساقلىشى كېرەك، ئايالنىڭ 30 ياشتىن ئىلگىرىكى گۈزەللىكىنى ئاتا-ئانىسى بەرگەن، 30 ياشتىن كېيىنكىسى ئۆزىگە باغلىق، ياخشى روھىي كەيپىيات گۈزەل رۇخسار ئاتا قىلىدۇ، شۇڭا ئاياللار ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى كۆڭلىگە ئالماسلىقى، بولۇپمۇ قېيىنئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى، قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈشى، ياخشى روھىي كەيپىياتنى ساقلىشى كېرەك.

    تۆتىنچى، ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئاياللار گۈزەل ھۆسن-جامال، پوزۇر كىيىم بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاقكۆڭۈللۈك، ئىشچانلىق، تىرىشچانلىق، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئۆز لاتاپىتىنى نامايان قىلىدۇ، ئەر كىشىنىڭ ھۆرمىتىگە تېخىمۇ سازاۋەر بولالايدۇ.

                                                                                     «گۈزەل ئايال، بەختلىك ئائىلە» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك كىتابتىن ئېلىندى.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى